تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بورتالا ئوبلاستى: ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ ئارقىلىق تۈمەنلىگەن ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ يىگۇاڭ

«ئىلگىرى سىنىپ قىستاڭچىلىق بولغاچقا، ئارقا رەتتە ئولتۇرۇپ، دوسكىدىكى خەتنى ئېنىق كۆرەلمەيتتىم، ھازىر دەرسخانا كەڭ - كۇشادە، يورۇق ھەم ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى بار، مەن يېڭى مۇھىتتا ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىمەن» دېدى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازارلىق 2- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6- يىللىق ئوقۇغۇچىسى لى جيايى خۇشال ھالدا.

داخىيەنزى بازىرى جىڭ ناھىيەسىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ يېزا - بازار بولۇپ، لى جيايى ئىلگىرى تۇرۇشلۇق داخىيەنزى بازارلىق 1- باشلانغۇچ مەكتەپ بۇ بازاردىكى بىردىنبىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدى، ئوقۇغۇچى سانى 45تىن ئېشىپ كەتكەن «چوڭ سىنىپ» مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك ئىدى.

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى بۇ مەسىلىنى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قارىغان ۋە زىيان يەتكۈزگەن مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزۈپ مەخسۇس تۈزەش داۋامىدا، پائال تۈزىتىپ، داخىيەنزى بازارلىق 2- باشلانغۇچ مەكتەپنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۈرۈشلەشكەن سىنىپ، مەكتەپ ئوپتىك تالا تورى، مەكتەپ ئاشخانىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىكتە تاماملىدى ھەم «ئىمتىھانسىز مەكتەپكە كىرىش، يېقىن ئەتراپتا بولۇش، رايونغا ئايرىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە، مەكتەپ رايونىنى مۇۋاپىق ئايرىدى. 10- ئاينىڭ 8- كۈنى، بۇ مەكتەپ رەسمىي ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى.

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش تېما تەربىيەسىدە ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاممىنىڭ «مائارىپ دەۋا تەلىپى»نى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مائارىپ بايلىقى، تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى رەتلەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھەل قىلىپ، مائارىپ ساھەسى تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلىدى. مائارىپ تەرەققىيات كاپالەت فوندى تەسىس قىلىپ، ئوبلاست، ناھىيە (شەھەر) ئىككى دەرىجىلىك مالىيەدىن ھەر يىلى 29 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىشنى بېكىتىپ، نۇقتىلىق ھالدا تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، ئوقۇش - ئوقۇتۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ بايلىقىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق سەپلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەڭشەشنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، رايون مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى زېڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بورتالا ئوبلاستى 40 مىليون يۈەن غەملەپ، يېڭىدىن ھۆكۈمەت يەسلىسىدىن ئىككىنى قۇردى، 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پۇقرالار ئاچقان يەسلىدىن ئۈچنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېردىكى پۇقرالار ئاچقان يەسلى قىلىپ قۇرۇپ، 1456 بالىنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئامما ئىنكاس قىلغان بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى تەس بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

باش تېما تەربىيەسىدە، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئەلا ئوقۇغۇچىلار مەنبەسىنىڭ ئېقىپ كېتىشى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، بورتالا شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا «غوللۇق ئوقۇتقۇچىلار» تەربىيەلەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەش نەپەر پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىنى خۇاجۇڭ سىفەن داشۆ قارىمىقىدىكى 1- ئوتتۇرا مەكتەپ باش مەكتىپىگە ئىش ئورنىدا يېرىم يىل چېنىقىپ، رىقابەت ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىنى ئۆگىنىش، كۆزدىن كەچۈرۈشكە تاللاپ ئەۋەتتى، ئۇلار ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ پەنلەر رىقابەت باش تىرېنېرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئەقىل كىرگۈزۈش ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش» تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىدىن 20نى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇتۇش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلدۇردى. بۇ مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىز ئۈچ يىل ئىچىدە مەكتەپتىكى ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى ئىدىيەدە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن ئوقۇش - ئوقۇتۇش ماھىرى ياكى تايانچ پەن باشلامچىسى قىلىپ، مەكتەپنىڭ سىجىل ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى پىلانلىدى».

ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلىتى ھەقسىز، داۋالىنىشتا يېشىل كارىدوردىن بەھرىلىنىش، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا بېلەت كەچۈرۈم قىلىش... ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان كەيپىياتنى يارىتىشنى چۆرىدەپ، بورتالا ئوبلاستى 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى باشلىنىشى بىلەنلا ئۆزگەرتىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتقۇچىلارغا كۆپلىگەن «چوڭ سوۋغات» تارقىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىقالايدىغان - چۈشەلەيدىغان، كىرەلەيدىغان - چىقالايدىغان رىقابەتلىك ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش، سىناش تۈزۈمىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بورتالا ئوبلاستىدىكى 11 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيدىغان، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان، مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن ھاياتىي كۈچ قوشتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى