شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو قانۇنچىللىق خەلقئارا مۇنبىرى (2019) 11- ئاينىڭ 10- كۈنى گۇاڭجوۋدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە خەت ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قانۇنچىللىقنىڭ كاپالىتىگە ئېھتىياجلىق. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ياخشى قانۇنچىل مۇھىت يارىتىپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ئاشكارا خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ «جۇڭگو قانۇنچىللىق خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <بىر بەلباغ ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن - تۈزۈملەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇكەممەللىكىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو قانۇنچىللىق خەلقئارا مۇنبىرى (2019)نى جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى 40 نەچچە دۆلەت، تۆت خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن تەخمىنەن 400 نەچچە ۋەكىل مۇنبەرگە قاتناشتى.