تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى يېپىلدى

50 نەچچە تۈردىكى 700 خىل مەھسۇلات كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى، سېتىلدى، ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم سوممىسى 5 مىليارد 127 مىليون يۈەن بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 10- كۈنى، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى گۇاڭجوۋدا يېپىلدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، شىنجاڭنىڭ مول تەبىئىي بايلىقى، بولۇپمۇ باغۋەنچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىنىپ، بۇ يىل 5- ئايدا ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىنغاندىن بۇيان جەمئىي ھاسىل قىلىنغان تۈر كېلىشىم سوممىسى 5 مىليارد 127 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3 مىليارد 766 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالانغان، 1 مىليارد 361 مىليون يۈەنلىك مۇددىئا كېلىشىمى ئىمزالانغان.

«گۈزەل شىنجاڭ. مېۋە ھىدى تارقىلىش» باش تېما قىلىنغان بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، «شىنجاڭ ياخشى جاي» «بىر بەلباغ، بىر يول» يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، «دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» قاتارلىق ئامىللار تۇنجى قېتىم سىڭدۈرۈلۈپ، كۆرگەزمە تېخىمۇ دەۋر پۇرىقى ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ خۇڭشىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «ئۈچ تۇنجى قېتىم» يارىتىلدى: تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك ئورمانچىلىق نۇقتىلىق كۆرگەزمە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، تۇنجى قېتىم باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى، تۇنجى قېتىم 2019- يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرگە تەشۋىق قىلىندى، تونۇشتۇرۇلدى، كۆرگەزمىدە شىنجاڭ ۋە باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ خاس باغۋەنچىلىكى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرگەزمە قىلىندى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت داڭلىق ماركىسى ۋە شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش قويۇقلاشتۇرۇلۇپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان خادىملار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يۈكسەك باھاسى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، مۆلچەردىكى مەقسەت ۋە ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

تۇنجى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ كۆرگەزمە رايونى كۆلىمى بىر ھەسسىگە يېقىن كېڭەيتىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 21 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، 470 كارخانا، ھەمكارلىق تەشكىلاتى 50 نەچچە تۈردىكى 700 خىل مەھسۇلاتنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى ۋە ساتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېسىل مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە رايونىدىلا 310 نەچچە خىل مەھسۇلات بار بولۇپ، سانى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.

ئۆتكەن نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكى پائالىيەت تۈرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى − قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تۆت مەيدان خاسلىققا ئىگە مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى جۇڭگو شەھەر سودا تور نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، شەھەر سودا بىرلەشمىسى مەملىكەتلىك سېتىش تور نۇقتىسى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

شىنجاڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى (گۇاڭجوۋ) يەرمەنكىسى 2009- يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 2018- يىلى جۇڭگو شىنجاڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىگە ئۆستۈرۈلگەن، ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەردە جەمئىي ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 38 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، سېتىش سوممىسى 46 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى