تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ گىرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم بىرازىلىيەگە بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 10- كۈنى مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، گىرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى پاۋلوپوۋلوس، بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى بولسونارونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن گىرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم بىرازىلىيەگە بېرىپ باشىلىيادا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.