تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيەمىز ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيەمىز ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

11- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ يىغىن ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلماقتا.                                          (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شۈەنلياڭ، مېي شىشيۇڭ) مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى يىغىنى 11- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە ئارمىيەمىز ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، كۈچى. پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆتتە چىڭ تۇرۇشنى تۇتۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئاساسىي قاتلام، جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلىشتا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئاساسىي قاتلام، قانۇن - ئىنتىزامى قاتتىق، كەيپىياتى دۇرۇس بولۇشتا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇستەھكەم ئاساس ۋە تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

11- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، شى جىنپىڭ جىڭشى مېھمانسارىيىغا كېلىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يىغىن ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھازىرقى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ مەخسۇس بىر قىسمىدا پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچ - ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە ئارمىيەمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىشى، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام قىسىمنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. پارتىيەمىز ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتى داۋامىدا باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئارمىيەمىزنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن قۇدرەت تېپىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدا ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇھىم تۆھپە قوشتى. ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاساسىي قاتلامغا تايىنىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىپ قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشىنى تۇتۇپ، ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىقىدە ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشنى تۇتۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشىنى تۇتۇپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشنى تۇتۇپ، سىياسىي ئاساسنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش - ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۈچ تۈزۈلۈشىنى قايتا تەشكىللەپ، قۇرۇلۇش تەرتىپىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، ئىچكى كەيپىياتنى ساپلاشتۇرۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدا تېز ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىللاردا، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش قەدىمى ناھايىتى تېز بولدى، ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى بۇرچ، ۋەزىپە تەلىپى، قۇرۇلۇش ماھىيەتلىك مەزمۇنى، كۈندىلىك مەشغۇلات ھالىتى، قىسىمنىڭ تەشكىلىي ھالىتى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ تەركىبىي قۇرۇلمىسى، تاشقى جەمئىيەت مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە. ئىلمىي ئىگىلەپ، پائال ماسلىشىپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئاساسىي قاتلام بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ليەن قۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋر پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى قوراللاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ۋە «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاشنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئىشەنچ نەزەرى، قايىللىق نەزەرى، تەرەققىيات نەزەرى بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە مۇئامىلە قىلىپ، يېڭى دەۋر ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شۇجىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلات تەسىس قىلىش ۋە مەشغۇلات ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشتا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئاساسىي قاتلام بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى ھەقىقىي تۈردە چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان قىلىش كېرەك. جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، جەڭگىۋار ئەترەت ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق كالتىكىنى ئاساسىي قاتلامدا مۇستەھكەم تىكلەپ، جەڭگىۋارلىق تۆھپە نىسبىتى بويىچە تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلام جەڭگىۋارلىقىنىڭ ھاسىل بولۇش ۋە قوللىنىلىش ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە قوماندانلىق ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي جەڭ قىلىش - ئەمەلىي مەشىق قىلىش، پىروگرامما بويىچە مەشىق قىلىش، مەشىقنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاراتمىلىق، ماسلىشىشچانلىق مەشىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى قورال - جابدۇق يېڭى كۈچ مەشىقىنى كۈچەيتىپ، مەشىق بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، مەشىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەشىقنىڭ ئەمەلىي جەڭ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش» يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيەت سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ھەربىي مەشىق، ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىرىنچىدىن، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماسلىق، ئىككىنچىدىن، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ناھايىتى جىگەرلىك بولۇشقا يېتەكلەش، قىسىمنى ھەيۋە كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن، ئىنتىزامدا قاتتىق، كەيپىياتى دۇرۇس بولۇشتا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئاساسىي قاتلام بەرپا قىلىپ، قاتتىق بولغان قانۇنچىللىق ۋە ئىنتىزام ئارقىلىق پولاتتەك ئىرادىنى مۇجەسسەملەپ، پولاتتەك ئىستىلنى تاۋلاپ، پولاتتەك قوشۇن بەرپا قىلىش كېرەك. ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قائىدە - نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پىروگرامما بويىچە قۇرۇلۇشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار سىياسەت - تۈزۈملەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، ئىلمىي دەلىللەشنى ياخشى قىلىپ، تۇرغۇزۇش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. قىسىمنى قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام چەكلىمىسى بىلەن قايىل قىلىش تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلەشكەن بىرلىكىگە ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بېسىمىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئەتراپىدىكى «ئۇششاق چىرىكلىك» ۋە ناتوغرا ئىستىلنى چوڭقۇر تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى پاك قىلىش كېرەك. كادىرلارنى ھۆرمەتلەش، ئەسكەرلەرگە كۆيۈنۈش، ئەسكەرلەر دوستانە ئۆتۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىدىغان، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان ئىنقىلابىي دوستلۇق رىشتى يېتىلدۈرۈپ، ئىتتىپاق، دوستانە، ئىناق، پاك بولغان ئىچكى مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئورگانلىرى ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى پۇختىلاش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتەك روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئاساسىي قاتلامغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، ئەسكەرلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە ئىجادكارلىق روھىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي يېڭىش كېرەك. خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئىلمىيلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئورنى، ئۆز سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، دائىملىق، ئۇللۇق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۆز قۇرۇلۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە قويۇپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقى، خادىملارنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، مال - مۈلۈكنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىپ، بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن ياردەم بېرىپ ھەل قىلىش كېرەك. ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونى ئاساسلىق ئۇرۇش قىلىش، ئارمىيە تۈرلىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇش ئومۇمىي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەشغۇلات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى تۇتۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىنغا قاتناشتى ھەم شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردە ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا داشۆسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە قىسمەن ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.