شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى: CBAنىڭ 4- ئايلانمىسىنىڭ توققۇز مەيدان مۇسابىقىسى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. جوۋ چى كەسپىي ماھىرلىق ھاياتىنىڭ يەككە مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇرى 35 نومۇرغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 120:127 نەتىجە بىلەن فۇجيەن كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا تۆت قېتىملىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ چىقاردى.
شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن فۇجيەن كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە، جوۋ چى بىلەن ۋاڭ جېلىننىڭ ئىچكى سەپتىكى رىقابىتى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. جوۋ چى 35 نومۇر ۋە گاردىن قايتقان 9 توپقا ئېرىشتى. ۋاڭ جېلىن 27 نومۇر ۋە گاردىن قايتقان 9 توپقا ئېرىشتى.
ئىككى كوماندا پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە قاتتىق تىركەشتى، ئالدىنقى ئۈچ چارەك مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 33:35، 64:66، 90:93 نەتىجە بىلەن ئازراق ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى. تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە باشلىنىپلا، ئېرىك گرېن ئۇدا يەتتە نومۇر ئالدى-دە، فۇجيەن كوماندىسى ئالدىغا ئۆتۈۋالدى. بۇ چاغدا جوۋ چى ھالقىلىق ئىككى نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ كوماندىسى يەنە ئالدىغا ئۆتتى. مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا 1 مىنۇت 14 سېكۇنت قالغاندا، ۋاڭ جېلىن قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش سانى توشۇپ مەيداندىن ئايرىلدى. ئاخىرقى پەيتتە قىرانبېك ئۈچ نومۇرلۇق ھالقىلىق توپنى كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن فۇجيەن كوماندىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى مۇقىملاشتى. شىنجاڭ كوماندىسى يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپلا ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.