تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو جۈنگې خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 10دىن 11-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 10غىچە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ خۇڭيەنچى توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا «ئۈچنى تەمىنلەش، بىر كەسىپ» سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئايرىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆزگەرتىش تۈرى بويىچە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن خۇڭيەنچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يەنئەن يولى (مىڭخۇا كوچىسىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكى) ، مىڭخۇا كوچىسى، جيۇچۈ كوچىسى، جۇڭۋەن كوچىسى، فۇكاڭ كوچىسىنى بويلىغان دائىرىدە سۇ توختايدىكەن.

ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەرگە سۇ ساقلاش تەييارلىقىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى. ئەگەر ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى ياكى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە، سۇ توختىتىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى