تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دىڭ جۈنخۇي دۇنيا ئاشكارا مۇسابىقىسىدە سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرەلمىدى

2019- يىللىق سىنوك دۇنيا ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسى يېقىندا ئاياغلاشتى، جۇڭگولۇق داڭلىق ماھىر دىڭ جۈنخۇي 5:1 نەتىجىدە خولتقا يېڭىلىپ، سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرەلمىدى. ئەمما مۇسابىقىدىن كېيىن، دىڭ جۈنخۇي يەنىلا بىر خۇش خەۋەرگە ئېرىشتى: بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇ دۇنيا رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە قايتىدىن ئالدىنقى 16 رەت ئىچىگە كىردى.

2017- يىللىق دۇنيا ئاشكارا مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، دىڭ جۈنخۇي ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ باقمىدى. رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولالمىغاندىن سىرت، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇ بالدۇرلا شاللىنىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دۇنيا رەت تەرتىپ تىزىملىكىدىكى ئورنى داۋاملىق چۈشۈپ، ئالدىنقى ئايدا ئالدىنقى 16 رەتنىڭ ئىچىگە كىرەلمىدى.

دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 16 رەتكە كىرىش كەسپىي سىنوك ماھىرلىرىغا نىسبەتەن بىر «بوسۇغا» بولۇپ، ئالدىنقى 16 رەت ئىچىدىكى ماھىرلار كۆپلىگەن چوڭ مۇسابىقىلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ. دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى مىسال قىلساق، دۇنيا رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە ئالدىنقى 16 رەت ئىچىدىكى ماھىرلار رەسمىي مۇسابىقىگە بىۋاسىتە كىرەلەيدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى