تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

تۆت دۆلەت تەكلىپ مۇسابىقىسى: جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى چېمپىيون بولدى

خەلق تورى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 10- كۈنى كەچ سائەت 19:35دە، يۇڭچۇەن ئاياللار پۇتبولى تۆت دۆلەت تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە ئاياللار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە ئاياللار كوماندىسى ئادەتتىكى مۇسابىقە ۋاقتىدا 0:0 نەتىجىدە تەڭلەشتى. نۇقتا توپ جېڭىدە، جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى تۆت توپنىڭ ھەممىسىنى كىرگۈزدى، بىرازىلىيە ئاياللار كوماندىسى ئىككى توپنى كىرگۈزەلمىدى، ئەڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى 2:4 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە ئاياللار كوماندىسىنى يېڭىپ، 2019- يىللىق يۇڭچۇەن ئاياللار پۇتبولى تۆت دۆلەت تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش