تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فېي شۈەن) 11- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن زاپاس سۇ ساقلاشقا ئەسكەرتتى.
11- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 10:00 دىن 11- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 10:00 غىچە، سۇچىلىق گۇرۇھى سۇنى توختىتىپ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ خۇڭيەنچى توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئائىلىلىكلەر رايونىنىڭ «ئۈچ تەمىنلەش، بىر كەسىپ» نى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئايرىپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆزگەرتىش تۈرىدە قۇرۇلۇش قىلىنىدىكەن.
بۇ ۋاقىتتا خۇڭيەنچى ئېلېكتر ئىستانسىسى، يەنئەن يولى (مىڭخۇا كوچىسى جەنۇبىي بۆلىكى)، مىڭخۇا كوچىسى، جيۇچۈ كوچىسى، جۇڭۋەن كوچىسى، فۇكاڭ كوچىسى لىنىيەسى بويىدىكى ئابونىچىلارنىڭ سۇ ئىشلىتىشى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
سۇچىلىق گۇرۇھى مۇنداق ئەسكەرتتى: ھەرقايسى ئالاقىدار ئابونىچىلار ئالدىن زاپاس سۇ ساقلاش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، ئەگەر ھاۋارايىدا ئۆزگىرىش بولسا ياكى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە، سۇ توختىتىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدۇ.