تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ھەم تور كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ

پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ھەم تور كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق شەكىللەرنى قوللىنىپ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى «ئۇلۇغ مۇساپە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى» ھەم تور كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە بولغان ئۆز تەسىراتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بېيجىڭ شەھىرى ۋە بېيجىڭدىكى مەركەزنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرى قاتارلىقلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىنى نەق مەيدانغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ، بېيجىڭ سىرتىدىكى باشقا پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ياچېيكىلىرىنى بىرلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى تور كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا مەركەزلىك تەشكىللىسە ھەمدە سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش - تەربىيە ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرسا بولىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئالاقىدار تەرەپلەرنى تەشكىللەپ ئۆتكۈزگەن «ئۇلۇغ مۇساپە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى» 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا باشلاندى، تور كۆرگەزمىخانىسى (guoqing70.cctv.com) 9-ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېلان قىلىنىپ تورغا چىقىرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى