تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ پۇختا ئاساسىنى سېلىش

− پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملارنىڭ شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى ئاساسىي قاتلامدا، ھاياتىي كۈچىمۇ ئاساسىي قاتلامدا. پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زېھنى، كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلىدى؛ بايراق يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق يېڭى دەۋر ئىنقىلابىي ھەربىيلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىسىملارنى تاۋلاپ چىقتى؛ ياچېيكىنى ليەنگە قۇرۇپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلدى؛ كۈچنى ئەسكەرلەرنى چېنىقتۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان ئۆتكۈر قىلىچ، تۆمۈر مۇشتنى تاۋلاپ چىقتى؛ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى؛ قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن - پەرمانلىرى تاغدەك مۇستەھكەم پولاتتەك قوشۇن بەرپا قىلدى. پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام قىسىملىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئەسكەرلەرنى چىنىقتۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش يۆنىلىشى تېخىمۇ روشەنلەشتى، ئوچۇق - يورۇق، ئىناق كەيپىيات تېخىمۇ ساپلاشتى، كەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا پۇختا ئاساس سالدى.

ئاساسىي قاتلام گۈللەنسە، ئارمىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇيدۇ؛ ئاساسىي قاتلام مۇقىم بولسا، ئارمىيە ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ. يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر ئالدىدا، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ ئۇلنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆڭۈلنى توختىتىپ كەمتەر بولۇشقا توغرا كېلىدۇ، يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى