تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭگو ئىقتىسادى بىر بىپايان دېڭىز. مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك چوڭ يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ.

«جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەركى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.» 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە نەزەر سېلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىگە تۈرتكە بولۇشنى جاكارلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدا، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. جۇڭگو نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ تۈگىتىپ، دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ياسىمىچىلىقتىكى 1 - چوڭ دۆلەت، مال سودىسىدىكى 1 - چوڭ دۆلەت، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بويىچە 1 - چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇدا كۆپ يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30تىن ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق مۇقىملاشتۇرغۇچ ۋە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى مەنبەسىگە ئايلاندى. جۇڭگونىڭ 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە چوڭ بازىرى چوقۇم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مەنبەسى، ھاياتىي كۈچ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. قالتىس تەرەققىيات مۇساپىسىدە، بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، دۇنيا ياخشى بولغاندىلا، جۇڭگو ياخشى بولالايدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولغاندىلا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولالايدۇ. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇلۇغ مۆجىزە ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشتى.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، چۈنكى بىز تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىش، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشتەك تارىخىي تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتى. غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ نەچچە ئون يىل جاپا - مۇشەققەت تارتىشى، قان - تەر ئاققۇزۇپ ئىشلىشىدىن كەلگەن. يۈزمىليونلىغان خەلق يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك غەيرىتىگە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرىدىغان چىدامچانلىقىغا تايىنىپ، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى شارائىتى ئۆزگەرمىدى، ئۇزاق مۇددەت مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشتەك ئومۇمىي گەۋدە يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى يېتەرلىك تىرەك شارائىتىنى ھازىرلىغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى بېجىرىدىغان سىياسىي ئەۋزەللىك بار، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان مىللىي روھ بار، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى سىجىل، يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتتا جۇغلانغان مول ماددىي تېخنىكا ئاساسى بار، غايەت زور تەرەققىيات ئېلاستىكلىقى، يوشۇرۇن كۈچى، قالدۇرغان ئىمكانىيىتى بار، مول ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش تەجرىبىسى ۋە يېتەرلىك سىياسەت بوشلۇقى بار، بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تېزدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات يولىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋېلىشقا شارائىتىمىز، ئىقتىدارىمىز، ئىشەنچىمىز تامامەن بار.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى مۇقەررەركى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، چۈنكى بىز دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىۋاتىمىز. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىشى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىش، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشتى. جۇڭگو دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، دۇنياغىمۇ بەخت ياراتتى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئېچىۋېتىلگەن شارائىتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن، كەلگۈسى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىمۇ جەزمەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقىلىپ قالمايدۇ، پەقەت بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ جاكارلىغاندەك: «بىز سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز» «جۇڭگو كەڭ قۇچاق ئېچىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ئېشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.» كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، باشتىن - ئاخىر يەر شارىۋى ئورتاق ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تۈرتكە بولغۇچى بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ.

تىرىشقانلارغا ھىممەت ئاتا قىلىش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، دۇنيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى