تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تارباغاتاي ۋىلايىتى دەل جايىدا كۈچەپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى

− دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ پېيچى

«ئارشاڭ مەنزىرە رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى چوڭ بولۇپتۇ، ئوڭغۇل - دوڭغۇل يوللار تەكشىلىنىپتۇ، ياتاقلار ناھايىتى قولايلىق، ئەسلىھەلىرىمۇ تولۇق ئىكەن. بىز ناھايىتى ھۇزۇرلۇق، خۇشال ئوينىدۇق» دېدى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ئارشاڭ مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلىۋاتقان ساياھەتچى گاۋ يۈەنخاڭ.

2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك تارماقلىرى مەنزىرە رايونى، كەسپىي ئورۇنلار، ساياھەتچىلىك كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يېتەرسىزلىكنى تېپىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقتى. مەنزىرە گۈزەل بولسىمۇ، يول يۈرۈش قىيىن بولۇش، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولماسلىق، ياتاق شارائىتى ئادەتتىكىچە بولۇش، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە «قونالغۇ تېپىش قىيىن بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، مەسىلە تىزىملىكىنى بىر - بىرلەپ تۈزۈپ چىقىپ، سىجىل تۈزىتىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

ئارشاڭ مەنزىرە رايونى ساۋەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 60 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارشاڭ مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت رايونىدىن ئىستىراھەت رايونىغىچە بولغان يەتتە كىلومېتىر يول ئۇزاق يىللاردىن بۇيان رېمونت قىلىنماي كەلگەچكە، يول يۈزلىرى ئوڭغۇل - دوڭغۇل، بەلگە تاختىسى يوق، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى يېتەرلىك ئەمەس، قىسمەن يول يۈزى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت بولۇپ قالغانىدى.

تارباغاتاي ۋىلايىتى دەل جايىدا كۈچەپ، بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئارشاڭ مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت رايونىدىن ئىستىراھەت رايونىغىچە بولغان يولنى رېمونت قىلىشنى تېزلىتىش ئىرادىسىگە كەلدى، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بۇ يولدا قاتناش ئوڭۇشلۇق باشلاندى. دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. مەنزىرە رايونىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى زور كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونىدا خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلارنى يېڭىدىن قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ راھەت ھېس قىلىش دەرىجىسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى زور نىسبەتتە ئۆستۈردى.

ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈردى، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇردى. باش تېما تەربىيەسىدە تارباغاتاي ۋىلايىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆربىلجىن ناھىيەسى ياۋا مېۋىلىك ئورمان مەنزىرە رايونى، شىخۇ فوشەن دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى، ساۋەن ئارشاڭ مەنزىرە رايونى، لۇجياۋۋەن قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت يانداش ئەسلىھەلىرى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى بىلگەن ھامان تۈزەتتى، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ دەرھال تۈزەتتى.

دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پۇقراۋى قونالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەكلى يەككە بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىش يەنىمۇ زۆرۈر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تارباغاتاي ۋىلايىتى «ساياھەتچىلىك + يېزا - كەنت كەسىپلىرى» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى خاس يېمەك - ئىچمەك، يېزا - كەنت ساياھىتى، تەسىرات ساياھىتى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ساياھەتچىلىك پۇقراۋى قونالغۇسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ساياھەتچىلىك پۇقراۋى قونالغۇسى 850كە، كارىۋات 3867گە يەتتى.

چارۋىچىلارنىڭ تامىقىنى يېيىش، پۇقراۋى قونالغۇلاردا قونۇش، چارۋىچىلار تۇرمۇشى تەسىراتىغا ئىگە بولۇش... تولى ناھىيەسى S318 ئۆلكە يولىدىكى ساياھەتچىلىك مەنزىرە نۇقتىسىنى تايانچ قىلىپ، كۇپ يېزىسىدا قازاقلارنىڭ پۇقراۋى قونالغۇ ئۆرپ - ئادىتى بويىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بازىسى قۇرۇپ، خاسلىققا ئىگە پۇقراۋى قونالغۇ بەرپا قىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، يەنە ئەتراپتىكى چارۋىچىلارنى «ساياھەت تامىقى»نى يېيىشكە يېتەكلىدى.

بۇ بازىنىڭ مەسئۇلى جوۋ جيەنسېن مۇنداق دېدى: «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش + ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش + خاس پۇقراۋى قونالغۇ، بۇ بىزنىڭ يارقىن نام كارتىمىزغا ئايلاندى، بۇ گۈزەل يېزا - كەنتلەرگە تۇتىشىدىغان يول بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان بېيىش يولى».

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى چەي خۇڭخۇا مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسىدە، جەمئىي 57 مەسىلە رەتلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىلگەن مەسىلە 23. كېيىنكى قەدەمدە ساياھەتچىلىك پۇقراۋى قونالغۇسى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، باقمىچىلىق، ساياھەتچىلىك، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، «ماي بوياق رەسىمدەك تارباغاتاي» ساياھەتچىلىك سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى