تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سۈرەتتىكى شىنجاڭ: ئۈرۈمچىدىكى نەنسەن تېغىدا شاخ-يوپۇرماقلار «توڭلىتىلغان رەسىم»گە ئايلاندى

شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى نەنسەن تېغىدىكى ئوت-چۆپ، سېرىق يوپۇرماق، شاخلار 11-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدە مۇز بىلەن قاپلاندى. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نەنسەن تېغىغا بېرىش يولىدا گۈل-گىياھلارنىڭ مۇز بىلەن قاپلانغان شاخ-يوپۇرماقلىرىنى كۆردى، يەنە نېپىز بىر قەۋەت قار بىلەن قاپلانغان يىراقتىكى تاغنىمۇ كۆردى. سېرىق، قىزىل، رەڭلىك يوپۇرماقلارنى قىروۋ قوينىغا ئالغان ئىدى، مۇزدا قاتقان شاخلار قېلىن ھەم پارقىراق بولۇپ، كەھرىۋاغا ئوخشاپ تۇراتتى. شاخلار قۇياش نۇرى ئاستىدا كۆزنى چاقنىتاتتى. قويلار تاغ ئېتىكىدىكى يايلاقتىن ئوزۇق ئىزدەۋاتاتتى، تۆت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئۇلارنىڭ ئوزۇقى ساپ ئوت-چۆپتىن مۇزلىتىلغان ئوت-چۆپكە ئايلانغان ئىدى، نەنسەن تېغىدا قىش مەنزىرىسى ئاستا-ئاستا نامايان بولۇشقا باشلىدى.

ئالتۇن رەڭلىك ئوت-چۆپلەر بىلەن قىپقىزىل يوپۇرماقلار قىروۋدا بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ مەنزىرە ھاسىل قىلدى.

كۈز شامىلى ئېلىپ كېتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن دەرەخ يوپۇرماقلىرىغا قىروۋ چۈشتى.
نەنسەن تېغىدا قۇياش نۇرى يەنىلا پارلاق بولۇپ، نەم چىغىر يول يېنىك قەدەملەر بىلەن سەيلە قىلىشقا ماس كېلەتتى.
مۇز تۇتقان يوپۇرماق بىر تال «مۇز بەرگى»گە ئايلانغان ئىدى.
شاخلارمۇ قېلىن بىر قەۋەت مۇز بىلەن ئورالغان ئىدى.
كەڭ تەبىئەتنىڭ ئەسىرى.
نەنسەن تېغى بىر قەۋەت قار بىلەن پۈركەنگەن بولۇپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قوي پادىلىرى بۇ جاينىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزغان ئىدى.

ئاپتورى: ۋاڭ چىمىڭ، چىن پېڭ

ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى