تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۇ يىڭ فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، جياڭسۇدىن كەلگەن مېۋە-چېۋە سودىگەرلىرى ئاقسۇ شەھىرى دولان تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئاھالە ئىمىر مەمەتنىڭ ئالمىلىق بېغىدا ئالمىلارنىڭ پىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئورگانىك ئالما ئۆستۈرگەن رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جايدىكى نۇرغۇن ئالما دەرىخىنىڭ يېشى 40 يىلدىن ئاشىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جايدا تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددا تەركىبى يۇقىرى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، تىيانشان تېغىنىڭ قار سۈيىدە سۇغىرىش يېتەرلىك بولغاچقا، بۇ جاي ئورگانىك ئالما ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى ئالما ئۆستۈرۈشنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىشتىكى مۇھىم يول قىلدى. دېھقانلارنىڭ ئالما ئۆستۈرۈش ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولدى. نۆۋەتتە، ئالمىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، 11-ئاينىڭ بېشىدىكى دەسلەپكى قىروۋ چۈشۈش مەزگىلىدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ بازارغا سېلىنىدۇ.