تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، تارماقلار پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىدى

«جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى:

سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش، ئىجرا قىلىش خىزمىتىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز

11- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ھەم مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ۋە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئورگىنىدىكى ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى كەڭ كادىر - ساقچىلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئۇنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىدە نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلەپلىرى بويىچە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كادىر - ساقچىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى كاپالەت قىلىپ، شىنجاڭدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش، ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەرقايسى شۆبە سوت مەھكىمىلىرى، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، «ئىككى بىر پونكىت شەكلى»دىكى دەۋا مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى ئاشكارىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى:

ئەڭ زور چەكتە قانۇن - تۈزۈم كۈچ - قۇدرىتىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرىمىز

11- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بېكىتكەن ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەپتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز ھەم پۇختا قەدەم بىلەن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەشكىلىي ئاپپارات سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەق تەلەپ دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا تىرىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشى، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا قانۇنچىللىقنىڭ ئىشەنچلىك، ھوقۇقنىڭ كاپالەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھەربىر ئەدلىيە دېلولىرىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر ۋاقىت، ھەرجايدا قانۇن - تۈزۈمنى ئۆلچەم قىلىپ، باشتىن - ئاخىر قانۇن - تۈزۈم بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ زور چەكتە قانۇن - تۈزۈم كۈچ - قۇدرىتىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى:

ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز

11- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كەڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئاڭلىق ھالدا تۈزۈمگە ھۆرمەت قىلىشى، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، تۈزۈمنى قەتئىي قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي مەقسەت مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە «خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇنچىل جامائەت خەۋپسىزلىكى قۇرۇش جەھەتتە ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش ئومۇمىي تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، تۈزەپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى:

ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرىمىز، مۇكەممەللەشتۈرىمىز

11- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتكومى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ھەم مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئەدلىيە مەمۇرىي سىستېمىسى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈرمە، تۈرمە رايونى (چوڭ ئەترىتى)نىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئەدلىيە مەمۇرىي خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشى؛ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، يەرلىك نىزام، ھۆكۈمەت قائىدىسى، مەمۇرىي قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، زورايتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ، ياڭ شۇخەن، سۈي يۈنيەن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى