− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قالدۇرىدۇ. ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ روشەن بەلگىسى.
«جۇڭگو بازىرى مانا مۇشۇنداق چوڭ، كۆپچىلىكنىڭ كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز»، «جۇڭگو قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ئېشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ». 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتىكى بەش جەھەتتىكى تەدبىرىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئىشەنچىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈردى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان مەسئۇلىيىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىل، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە تەرىگە تايىنىپ، «دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان» تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىنى پۈتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشكىچە بولغان ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنداق بىر مۇھىم ئەسكەرتىش بەردىكى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ.» جۇڭگو باشتىن - ئاخىر يەر شارىۋى ئورتاق ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، باشتىن - ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇقىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، باشتىن - ئاخىر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا پۇرسىتىنى كېڭەيتىشىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان چوڭ بازار، باشتىن - ئاخىر يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ ئاكتىپ تۆھپە قوشقۇچىسى بولىدۇ.
بازارنى ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىدۇ، ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان بۇ بەش جەھەتتىكى تەدبىر جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرىدىغان تۈپ دۆلەت سىياسىتى، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي تاللاش بولۇپ، جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش قەدىمىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قەدىمىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قەدىمىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېقىندىلا 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدا قارار چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە دائىر نۇرغۇن مۇھىم تەدبىرلەر بار. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پەقەت داۋاملىشىدۇكى، ئاياغلاشمايدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى.
جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ پۇرسىتى، ھەم ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەم دۇنياغا بەخت يارىتىش جۇڭگونىڭ سەمىمىي ئارزۇسى. جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىپ، ئىمپورتنىڭ رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو ئەركىن سودا سىناق رايونىنى دادىل سىناق قىلىش، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا داۋاملىق ئىلھام بېرىپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىدۇ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ ھەم خۇاڭخې ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، ئېچىۋېتىشنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت ئۈنۈم ئېففېكتىنى ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چەكلەپ قويۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە قارىتا، داۋاملىق تۈردە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ۋە مۇھىم ساھەلەردە ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىمنىڭ قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان مۇھىت يارىتىدۇ. جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ زۆرۈر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى قوللايدۇ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى خالايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق مېخانىزم ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
بۈگۈنكى دۇنيادا ئېچىۋېتىش، يۈرۈشتۈرۈش دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئىلگىرىلىمەكتە. دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقاندا، ئاندىن ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو، تەرەققىي قىلغان جۇڭگو جەزمەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)