تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى گۇاڭجوۋدا باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ دۇڭشېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ مىنىستىر، كومىتېتلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ماركىتېڭ خىزمىتى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش، شىنجاڭ سىرتىدا سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى تور بارغانسېرى زىچلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تۈركۈم - تۈركۈم خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىچكىرى رايون بازارلىرىغا توشۇلۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچلۈك ئاشۇردى. شىنجاڭ كۆرگەزمىدىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە بازارنى ئېچىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرىدۇ.

ليۇ دۇڭشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى تېخىمۇ دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، كۆلىمى تېخىمۇ زور، مەزمۇنى تېخىمۇ مول، مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ سۈپەتلىك، مۇلازىمىتى تېخىمۇ مۇكەممەل، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ مېۋىچىلىكىنىڭ «ئالتۇن خەتلىك ماركىسى»نى ئورتاق يارىتىپ، بىر مەيدان ئېسىل مەھسۇلاتلار يىغىلغان، ئېسىل پائالىيەتلەر ئۈزۈلمەيدىغان كاتتا كۆرگەزمە بولىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «گۈزەل شىنجاڭ·مېۋىلەر ھىدىگە تولغان» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - چېۋىلىرى، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق جەمئىي 50 تۈردىكى 700 خىل مەھسۇلات مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى ھەم تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى 18 ئۆلكە، شەھەرنىڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەمدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. جۇڭگو شەھەر سودا تور نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش بىرلەشمىسى يەنە دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنى نەق مەيدانغا كېلىپ كېڭىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى