تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

11- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو ئىدىقۇت رايونى خۇڭشىن تەۋەلىك رايونىنىڭ گېبى مەھەللىسىدىكى مەسچىتتە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو ئىدىقۇت رايونىدىكى كوناشەھەر يولى كوچىسى مەيدان مەھەللىسىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئاھالە ۋە مەھەللە كادىرلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، باش تېما تەربىيەسى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەھەللە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان، ئاھالىلەر ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»لىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاشكارا تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ھەقىقىي دەل جايىدا تېپىپ، تىرىشىپ ئەڭ جىددىي، ئامما ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش لازىم.

ئاھالە ئەكبەر قاھار، نىياز رېشىتنىڭ ئۆيىدە، چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن يېقىن ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، تۇرمۇش ھەققىدە مۇڭداشتى، كىرىمىنى سورىدى، يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىدى، كەلگۈسى ھەققىدە پىكىرلەشتى. چېن چۈەنگو ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى باياشات ئۆتۈشىنى، ئائىلىسىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى.

تۇرپان مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىدە، چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇللىرى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى، دېھقان ۋاسىتىچىلەر، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق خاس دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە توردا سودىلىشىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالاقە تورى+» زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، سۈپەتلىك ماركىنى زورايتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنى پائال ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۇرپان شەھىرى يىماۋ ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، چېن چۈەنگو نەق مەيداندا ھاراق پىششىقلاش، پىرېسلاش، قاچىلاشنى ھەمدە كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىستېمالدىكى ھەر تەرەپلىمە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستىراھەت ساياھىتى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو يەنە ئىدىقۇت رايونى خۇڭشىڭ تەۋەلىك رايونىنىڭ گېبى مەھەللىسىدىكى مەسچىتكە كېلىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەڭ دىنىي زاتلار ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا يولدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئېتىقاد قىلىپ، توغرا يولدا مېڭىپ، ھەر مىللەت دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى نۇقتىلىق ھالدا ئاساسىي قاتلامدا، ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قانات يايدۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكنى توغرا ئىگىلەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىگە ئاتلىنىپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىغا يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈملەرنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى گەۋدىلىك قىيىن مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى ھەقىقىي كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئاساسىنى پۇختىلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.