تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر شەھىرى: شۇ دەرىجىلىكنى تۇتتى، تۆۋەن دەرىجىلىكنى تۇتتى ئەمەلىي ئىش قىلىپ ئەل قەلبىنى ئىللىتتى

دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم «2+8» مەخسۇس تۈزەش ۋە «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى چۆرىدەپ، ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شۇ دەرىجىلىكنى تۇتۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىكنى تۇتۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئامما كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان، ھېس قىلالايدىغان نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، ئېغىر نامرات رايوندىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈك ۋە يۇقىرى سۈپەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى چەكلەۋاتقان ئامىلنى چىڭ كۆزلەپ، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەڭ دەرىجىلىك ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىلەرنى چىڭ ئىگىلەپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى رەتلەپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تۇتتى؛ قەشقەر شەھىرىنىڭ تۆت بەنزە ئەزالىرى ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزى مەسئۇل ساھە، ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان يېزا - بازارلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ تۈرتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى؛ قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈرلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش، تىزىملىك شەكلىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى.

قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گېڭ ۋېنكې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، سۈرئەت ۋە ۋاقىت چەكلىمىسىنى بېكىتىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، قەشقەر شەھىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 17 مىڭ 939 ئائىلىدىكى 73 مىڭ 315 كىشى مۇقىم ھالدا «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەلىپىگە يەتتى، 82 نامرات كەنت ۋە 67 نامرات ئەمەس كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش شەرتىگە يەتكۈزۈپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئومۇميۈزلۈك تاشلاش ئاساسى ھازىرلاندى.

ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى داۋاملىق تۈزەشنى چۆرىدەپ، قەشقەر شەھىرى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىشنى چىڭ تۇتتى. ھازىرغا قەدەر، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى باشلاپ 112 ئولتۇراق رايونغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان 154 مەسىلىنى ھەل قىلدى.

ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان بەزى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مۇھىت تازىلىقى ناچار بولۇش، مۈلۈك باشقۇرۇش جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، قەشقەر شەھىرى ئولتۇراق رايونىنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى قۇرۇپ، كۆپ قېتىم نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، ئولتۇراق رايونلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ھازىر ئولتۇراق رايونلارنىڭ مۇھىت تازىلىقى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

قەشقەر شەھىرىدىكى سۇچىلىق گۈللۈكى ئولتۇراق رايونى تۈزەيدىغان ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىرى. بۇ ئولتۇراق رايون قەشقەر دەرياسى ئېقىن رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسى بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە، قەشقەر دەرياسى ئېقىن رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 400 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراق رايوننىڭ «مەينەت، قالايمىقان، ناچار بولۇش»تەك ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.

«ئىلگىرى بىزنىڭ بۇ كونا ئولتۇراق رايونىمىزدا قالايمىقان دۆۋىلەپ قويىدىغان، قالايمىقان قويىدىغان، قالايمىقان توختىتىدىغان ئەھۋال ئېغىر بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى ئىنتايىن قولايسىز ئىدى، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتىمۇ ناچار ئىدى. ھازىر ئولتۇراق رايون پاكىز بولدى، كىچىك گۈللۈكمۇ ئىلگىرىكىدىن چىرايلىق بولۇپ كەتتى»، دېدى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى قەشقەر شەھىرىدىكى سۇچىلىق گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى شېن جىنخې خۇشال ھالدا.

دىققەتنى ئامما ئىش بېجىرىش جەريانىدا ئىنكاس قىلغان قىيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قەشقەر شەھەرلىك مەمۇرىي تەستىق ئىدارىسى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ تەھلىل قىلىپ، مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەلالاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتى تۆت - بەش ئايدىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتقا قىسقارتىلىپ، كەسىپ بېجىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

«بىز<ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش>ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىدىكى توسالغۇلارنى راۋانلاشتۇردۇق. دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆزگەرتىدىغان مەسىلىدىن جەمئىي ئوننى بېكىتىپ، سەككىزنى تۈزىتىپ بولدۇق» دېدى قەشقەر شەھەرلىك مەمۇرىي تەستىق ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى شيەن .

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ جىخېڭ، ليۇ جىچياڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى