تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما پائالىيىتىگە قاتناشتى

شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھاۋا ئارمىيەسى قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك

11- ئاينىڭ 8- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھاۋا ئارمىيەسىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاڭپىڭ رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مۇزېيىدا ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.                             (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شۈەنلياڭ، جاڭ يۈچىڭ) 70 يىلدىكى شانلىق يىللار، 90 مىڭ گەز كۆكتە ئەنقا پەرۋاز قىلماقتا. خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 8- كۈنى ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھاۋا ئارمىيەسىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاڭپىڭ رايونىدىكى جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مۇزېيىغا كەلدى. قەھرىمانلار مەيدانىدا، «كۆك ئاسمان روھى» ھەيكىلى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك بولۇپ، « غەلىبە ئوتى» مەشئىلى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، ئۇ ئالدىغا بېرىپ، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى رەتلەپ، خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قەھرىمانلىرىغا ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. شى جىنپىڭ ئاستا قەدەملەر بىلەن خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلار تېمىنى ئايلىنىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، قەھرىمانلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى. خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق يارىتىلغان. 70 يىلدىن بۇيان، خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز قەھرىمانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەھرىمانلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە «كۆك ئاسماندا سادىقلىقنى تاۋلاش» ۋە « يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئۇچۇش»تىن ئىبارەت ئىككى كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنگەن، ھەر خىل تىپتىكى توققۇز ئايروپىلان، 1500دىن ئارتۇق سۈرەت، ماددىي بۇيۇم كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 70 يىللىق شانلىق تارىخى ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى قايتا نامايان قىلىنغان. ھەربىر پارچە سۈرەت كۆرگەزمە تاختىسى، ھەربىر ماددىي بۇيۇم مودېلى، ھەربىر كۆرۈنمە چاستوتا ماتېرىيالى شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى.

قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىدىكى ئىلغار ئورۇنلار ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق ھاۋا ئارمىيەسى 70 يىللىق شانلىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد ھاۋا ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى قەلبىگە يۈكسەك ئىرادىنى پۈكۈپ، 10 مىڭ چاقىرىملىق ئالەم بوشلۇقىدا كۈرەش قىلىپ، ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىدا ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. خەلق ھاۋا ئارمىيەسى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچلىك قوشۇنى بولۇشقا مۇناسىپ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ھاۋا ئارمىيەسى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. يېڭى دەۋر پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھاۋا ئارمىيەسى قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك!

شۈ چىلياڭ، جاڭ يۇۋشيا، ۋېي فېڭخې، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.