تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

روزىتوختى: ئىككى قولۇمغا تايىنىپ پۈتۈن ئائىلىمىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمەن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جېڭ جو، سۇي يۈنيەن

ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 ئەتراپىدا، لوپ ناھىيەسىنىڭ ناۋا يېزىسى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىدا، ھەمىشە بىر يىگىتنىڭ ئاشخانىدا ئالدىراش يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇ ناۋا يېزىسى ئاچادۆڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىتوختى.

8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سەھەردە، روزىتوختى ئادەتتىكىدەك ئاشخانىغا ئەتىگەن كېلىپ، زاپاس ساقلاش ئۆيىدىكى سەۋزىنىڭ يېتىدىغان - يەتمەيدىغانلىقىغا قاراپ باقتى، ئاندىن تاماق قاچىلىرى ۋە پەتنۇسلارنى سۈرتۈپ پارقىرىتىۋەتتى. گەرچە ھەر كۈنى پەقەت كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئىشچىلارغا بىر ۋاق چۈشلۈك تاماق ئېتىپ بېرىشكىلا مەسئۇل بولسىمۇ، لېكىن روزىتوختى ئىشنى ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ قىلاتتى.

«ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھېچ ئىش قىلغۇم كەلمەيتتى؛ ھازىر ئوخشىمايدۇ، ئىككى قولۇمغا تايىنىپ پۈتۈن ئائىلىمىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمەن.» روزىتوختى مۇنداق دېدى: بۇ خىزمەتنىڭ ئۆزى يېڭى باشلىنىش بولدى، ھەممە ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالدىراش خىزمەت 21 ياشلىق بۇ يىگىتكە مۇكەممەللىك ھېس قىلدۇرغان، شۇنداقلا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى.

 تىرىشچان ئاشخانا ھۆددىگىرى

«روزىتوختى، ئەتە چۈشتە مەن لەڭمەن ئەتمەكچى، بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋال.» 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاشخانىدىكى چوڭ ئۇستام ئەخمەت توختىتۆمۈر بىر تەرەپتىن، شۇ كۈنىدىكى چۈشلۈك تاماقنى تەييارلىغاچ، بىر تەرەپتىن، سېتىۋالىدىغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى روزىتوختىغا جېكىلىدى. ھەر قېتىم مۇشۇنداق ۋاقىتتا، روزىتوختى ئاۋۋال توڭلاتقۇنى ئېچىپ قوي گۆشى قاتارلىق ماتېرىياللارنىڭ يېتىدىغان - يەتمەيدىغانلىقىغا قاراپ بېقىپ، ئاندىن سېتىۋېلىش پىلانىنى تۈزىدۇ.

لوپ ناھىيەسىنىڭ ناۋا يېزىسى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىدا 200دىن ئارتۇق ئىشچى بار بولۇپ، باغچە رايونى ئاشخانىسى ھەر كۈنى ئىشچىلارنى چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ. «تاماق تىزىملىكى تۇنجى كۈنىلا بېكىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە 1000 يۈەنلىككە يېقىن كۆكتات سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. كۆكتات سېتىۋېلىشنىڭمۇ ئېپى بار، بازاردا قايسى دۇكاننىڭ كۆكتاتلىرى يېڭى، ئەرزان، قانداق پىيازنى تاللىسا تەملىك، سەۋزىنى قانداق ساقلىسا ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، دېگەنلەرنى ئۇستام ماڭا سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگىتىدۇ.» روزىتوختى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ ئىشلاردىن ئازراقمۇ خەۋىرىم يوق، ئۆگىنىشكىمۇ رايىم يوق ئىدى. ھازىر ئوخشىمايدۇ، سېتىۋېلىشتىن باشقا، تىجارەت تەننەرخىنى قانداق كونترول قىلىش، پايدىنى قانداق ھېسابلاش، قايسى ماتېرىياللارنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلىۋېلىش، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە كۆڭلۈمدە سان بار. «ياخشى يېرى، بۇ بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىپ بولغانىدىم، جانلىق ئۆگىنىپ، جانلىق ئىشلەتسە تەس ئەمەسكەن.» روزىتوختى ئۆزىگە ناھايىتى ئىشەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ قويدى.

روزىتوختىنىڭ تىرىشچانلىقىنى باغچە رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كۆردى. «بۇ يىگىت كەم سۆز، لېكىن ئىشقا ناھايىتى پۇختا، ھەر بىر ئىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ قىلىدۇ.» نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى پېڭ مۇنداق دېدى: ئاشخانىنىڭ تازىلىقى ناھايىتى پاكىز، تاماق - قورۇمىلار تەملىك، تۈرىمۇ كۆپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاشخانىدا تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئاشخانىنى ھۆددىگە ئالغان يېرىم يىلدا، روزىتوختى تىجارەت يولىنى تەدرىجىي ئۆگىنىۋالدى. 7 - ئايدا ئىشچىلارنىڭ مائاشى ۋە تەننەرخ چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، كىرىم 3500 يۈەن بولدى. «پۇل كۆپ ئەمەس، مۇھىمى تەجرىبە قىممەتلىك.» روزىتوختىنىڭ ھېس قىلىشىچە، ئاشخانا خىزمىتى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە رېستوران ئېچىشىغا ئاساس سېلىپ بېرىدىكەن.

 ئىلگىرىكى مەنىسىز تۇرمۇش

ئوغلىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دادىسى توخسۇن ناھايىتى سۆيۈندى. «ئىلگىرى ئۇ بۇنداق ئەمەس ئىدى، ئۆيدىن چىقمايتتى، ھېچ يەرگە بارمايتتى، ھېچ ئىش قىلمايتتى. ھەتتا ئانىسى كەنتتىكى پائالىيەت مەركىزىگە بېرىپ ئۇسسۇل ئوينىماقچى بولسا، ئۇ بۇنىمۇ توسۇيتتى.» توخسۇن ئوغلىنىڭ ئۆتمۈشىنى تىلغا ئالغاندا، كۆڭلى بەك يېرىم بولدى.

روزىتوختى ئائىلىدىكى چوڭ ئوغۇل بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت ئىزدىمىدى، كېيىن بارا - بارا دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «ئۆلچىمى»گە ئىشىنىپ كەتتى.

«دوستلىرىم مېنى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشقا چاقىرسا، مەن بارمايتتىم. ئۆيدىكىلەر سىرتقا ئوينىغىلى چىقماقچى بولسىمۇ يول قويمايتتىم، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشاتتىم. ھەتتا ئىنى - سىڭىللىرىم سەكرەپ - تاقلاپ خۇشال كۈلسىمۇ، ياقتۇرمايتتىم.» بۇنداق تۇرمۇشتىن روزىتوختى قىلچىمۇ خۇشاللىق ھېس قىلالمىغانىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈنبويى مەنىسىز ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى بايقاشقا باشلىدى.

«مەن كەنت كادىرلىرىنى ئىزدەپ سىردىشىپ، مەسىلىنىڭ ئىدىيەمدە ئىكەنلىكىنى بىلدىم.» ئارقىدىن، روزىتوختى لوپ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئوقۇدى، ئۇ كىشىنى بۇرۇقتۇرما قىلىدىغان بۇ خىل تۇرمۇش ھالىتىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغانىدى.

تەربىيەلەش مەركىزىدە، روزىتوختى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن - نىزاملارنى ئۆگىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يەتتى. «شادلانغاندا كۈلۈش، ئازابلانغاندا يىغلاش، خۇشال بولغاندا ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناش كېرەك، مانا بۇ ئادەمنىڭ ئەسلىي تەبىئىتى. ئاشۇ دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار دىن نىقابىغا ئورىنىۋېلىپ، بىزنىڭ ئەسلىي تەبىئىتىمىزنى بوغۇپ تاشلىدى.» روزىتوختى مۇنداق دېدى: كېيىنكى كۈنلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياكى ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە، تەربىيەلەش مەركىزىدە مەن يەنە مېھمانخانا باشقۇرۇش دەرسىنى ئۆگىنىشكە تىزىملاتتىم.

ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ياردىمىدە، ئۇ يېزىدىكى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئۈچ كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلدى، يېزىدىن قورۇما قورۇيدىغان ئۇستام تەكلىپ قىلدى. «ئاشخانا ھۆددىگە ئېلىشتا تەجرىبەم بولمىغاچقا، مەن ئەتراپتىكى كىشىلەردىن سوراپ ئۆگەندىم. ئىش ئارىلىقىدا، مەن ئاشخانىدىكى قاچا - قۇچا، تەخسىلەرنى پاكىز يۇيۇپ، رەتلىك تىزىپ قويىمەن.» روزىتوختى مۇنداق دېدى: ئىشچىلارنىڭ تاماقنى مەززە قىلىپ يېگەنلىكىنى كۆرۈپ، چەكسىز قانائەت ۋە خۇشاللىق ھېس قىلدىم، شۇنداقلا ئاخىر ئۆز قىممىتىمنى تاپتىم.

 ئۆزگىرىش ئۇششاق ئىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ

روزىتوختىنىڭ ئاشخانىنى ھۆددىگە ئېلىشتا سوققان يەنە بىر «كىچىك چوت»ى بار، ئۇ بولسىمۇ ئاشخانىدىكى ئۇستامدىن بىر نەچچە خىل تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىش. «ئاتا - ئانام ياشىنىپ قالدى، مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارغا ئەتكەن تاماقلىرىمنى تېتىتىپ بېقىشنى ئويلايمەن.» روزىتوختى قولىنى ئۇۋۇلاپ، سەل تارتىنغان ھالدا: «تېخى دېگەندەك ئۆگىنىپ بولالمىدىم، تامىقىمنىڭ تەمى ئانچە ياخشى ئەمەس» دېدى.

ئەمەلىيەتتە، روزىتوختىنىڭ ئۆزىگە بىر ۋاق تاماق ئىتىپ بېرىش - بەرمەسلىكى ئانىسى ئالتۇنگۈل ئۈچۈن بەرىبىر. «ئۇ ھازىر ھەر كۈنى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەنتتىكى پائالىيەت مەركىزىگە بېرىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ، كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ھەۋەس قىلىدۇ.» ئالتۇنگۈل ئوغلىنىڭ ئىپادىسىنى تىلغا ئالغاندا، چىرايى شۇ ھامان گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى.

روزىتوختى مۇنداق دېدى: ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئانامغا ھەمراھ بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىسام، كۆڭۈل - كۆكسۈم ئېچىلىپ، يايراپ كېتىمەن، ئۆيگە قايتساممۇ ياخشى ئۇخلىيالايمەن، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئەتىسى داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەيمەن.

«ئۆزگىرىش بەك چوڭ، روزىتوختى ھازىر پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ قاتنىشىدۇ، ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ، ناخشا ئېيتالايدۇ، ئۆزىمۇ قىزغىن، كۆيۈمچان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.» بۇ يىگىتنى تىلغا ئالغاندا، كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى دەي يۈبىن باشمالتىقىنى چىقىرىپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

توخسۇن نەچچە ئون يىل ئۇزۇن يوللۇق يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگەن پېشقەدەم شوپۇر بولۇپ، ھازىر يېزىدا بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى باشقۇرىدۇ. «ئوغلۇم ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن گەپدان بولۇپ كەتتى، دائىم مەن بىلەن كەلگۈسىدىكى پىلانى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ.» توخسۇن مۇخبىرلارغا ھازىر كەنت - بازارلاردا زاۋۇتلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئوغلىنىڭ يەنە باشقا زاۋۇتلارنىڭ ئاشخانىلىرىنىمۇ ھۆددىگە ئالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.

«مەن تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە توپلاپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە بىر ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار ئاشخانىسى ئېچىشنى ئويلاۋاتىمەن.» روزىتوختىنىڭ قارىشىچە، ئىگىلىك تىكلەش ئۆزىنىڭ كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئارزۇسىنى يۆلەككە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى