تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە قۇرۇشنىڭ ئۇلى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسى، كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى 2000 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى جياڭ زېمىن گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا سۆز قىلىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى.

پارتىيەنىڭ تارىخىي ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، جياڭ زېمىن گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 70 نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، پارتىيە ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە ھەر ۋاقىت جۇڭگونىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى، جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، پارتىيەمىزنىڭ قانداق قىلىپ بۇ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرالىشى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشى زۆرۈر بولغان مۇھىم، زور تېما.

«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، جياڭ زېمىن 2000 - يىلى 5 - ئايدا جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق تەكىتلىدى: «باشتىن - ئاخىر <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> نى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇشىنىڭ ئۇلى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئاساسى، كۈچ - قۇۋۋىتىنىڭ مەنبەسى.» شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ مەركىزىي كومىتېت ئاچقان ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يىغىنىدا، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش مەسىلىسىنى بايان قىلىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى.

2001 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: 80 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئاساسىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىسەك، يىغىنچاقلىغاندا، جەزمەن باشتىن - ئاخىر «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ئۆزئارا باغلىنىدۇ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2002 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 16 - قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى