تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش  خەلق ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلىش

− «خەلق ساقچىسى» سېرجان مەمىلەنىڭ قەھرىمانلىق ھېكايىسىنى ئەسلەش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ئاينۇر) «تېغى ئالتۇن، سۈيى كۈمۈش» دەپ تەرىپلىنىدىغان شىنجاڭدىكى كىچىك چېگرا شەھىرى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل. خەنزۇ كادىرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان بىر قازاق خەلق ساقچىسى بۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ياتقان بولۇپ، يۇرتىنى ئۈن - تىنسىز قوغدىماقتا.

بۇ قۇربان بولغان خەلق ساقچىسىنىڭ ئىسمى سېرجان مەمىلە، 1964 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، 1987 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، ھايات ۋاقتىدا ئۇ كۆكتوقاي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ناھىيە بازىرى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ئىدى. 1994 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئۇ قولىغا پارتلاتقۇچ بوغچىسى ئالغان قارانىيەت بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 30 ياشتا ئىدى. سېرجان قۇربان بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىنقىلابىي قۇربان دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ھەم مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن.

1994 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سائەت 22دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، كۆكتوقاي ناھىيە بازىرى ساقچىخانىسى نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ تېلېفونى سايرىدى. شۇ كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خەلق ساقچىسى سېرجان مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالدى: ئىككى قارا نىيەت پارتلاتقۇچنى ئېلىپ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يې ۋېيشياڭنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، پۇل، نەرسە - كېرەك، قورال بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەگەر بەرمىسە پارتلاتقۇچنى پارتلىتىۋەتمەكچى بولغان. ئەھۋال خەتەرلىك ئىدى، ئۇ تېلېفوننى قويۇپ دەرھال دېلو يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا ئاتلاندى.

دېلو يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، سېرجان بىرىنچى بولۇپ ئېتىلىپ كىردى. ئېچىلغان ئىشىك كەينىگە قاڭقىپ تاقىلىپ قالغاچقا، بىللە كەلگەن بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتى ئەزالىرى ئىشىك سىرتىدا قالدى. ھويلىدىكى قارا نىيەت بىر قولىدا پارتلاتقۇچ بوغچىسىنى، يەنە بىر قولىدا پىچاقنى تۇتۇپ تۇرغانىدى، سېرجان شىددەت بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ، پارتلاتقۇچ بوغچىسى ئېلىۋالغان قارا نىيەتنى چىڭ قۇچاقلاپ تامنىڭ بۇلۇڭىغا ئىتتەردى، يەنە بىر قارانىيەت قولىغا ئۆتكۈر پىچاقنى تۇتقان ھالدا سېرجاننى قىستاپ كەلدى. دەل شۇ چاغدا، قارانىيەت پارتلاتقۇچ بوغچىسىنى پارتلاتتى ... يې ۋېيشياڭ ئەر - خوتۇن خەتەردىن قۇتۇلدى، سېرجان قان ئىچىدە يىقىلدى.

سېرجاننىڭ دادىسى مەمىلەمۇ بىر جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر ساقچىسى بولۇپ، ئۇ ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان سېرجانغا بىر قېلىن خاتىرە دەپتەر سوۋغا قىلغان، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللىق جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى تەجرىبىسى خاتىرىلەنگەنىدى، دادىسى ئۇنىڭغا: «ياخشى ساقچى بولۇش ئۈچۈن جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ھەتتا ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ باش تارتماسلىق كېرەك» دېگەنىدى.

بۇ سۆزنى سېرجان ئېسىدە چىڭ ساقلىدى. يەتتە يىللىق خەلق ساقچىسىلىق ھاياتىدا، ئۇ سانسىز قېتىم ھايات - ماماتلىق سىناقنى باشتىن كەچۈردى: 1987 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىر قارانىيەت ناھىيە بازىرىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا قاتىللىق قىلدى، دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خىزمەت قىلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغان سېرجان پېشقەدەم خەلق ساقچىسى خۇ جۈفۇ بىلەن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي قارانىيەتنى بېلىدىن قۇچاقلاپ بىلىكىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، پىلتىنى يۇلۇپ تاشلاپ، قىڭراقنى تارتىۋالدى.

كۆكتوقاي ناھىيەسى ئېلىمىزدىكى ئەڭ سوغۇق جايلارنىڭ بىرى. بۇ جاينىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سېرجان ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى دائىم قار - شىۋىرغانلاردا، جۇدۇنلۇق سوغۇق كېچىلەردە قاچقۇنلارنى تۇتاتتى، ئۈششۈپ قېلىش، يارىلىنىش ئىشلىرى دائىم بولۇپ تۇراتتى.

1994 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سەھەر سائەت 4تە، سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولۇۋاتاتتى، ھەممە جاينى قار ئۇچقۇنلىرى قاپلىغان بولۇپ، سېرجان سەپداشلىرى بىلەن بىللە موتوسىكلىت مىنىپ قاچقۇن جىنايەتچىگە قوغلاپ زەربە بەردى، ئۇلار ناھىيە ئەتراپىدىكى كىچىك كۆمۈر كاندا جىنايەتچىنى تۇتقاندا، يەنە بىر جىنايەتچىنىڭ ئۇدۇلدىكى ئۆيدە ئىكەنلىكى، قولىدا تاپانچا، ئوق بارلىقىنى بايقىدى، سېرجان قىلچە قورقماستىن، ئىشىكنى بۇزۇپ كىردى. بۇ چاغدا ھىيلىگەر جىنايەتچى قېچىپ كەتكەنىدى، سېرجان قىزىتمىسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكىنىگە قارىماي يەنە قوراللىق جىنايەتچىنى قورشاپ تۇتۇش جېڭىگە ئاتلاندى.

كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى نوپۇسى 90 مىڭغا يەتمەيدىغان بولۇپ، قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق 20 نەچچە ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانىدى. ئاز سانلىق مىللەت ساقچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سېرجان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىدى.

خەنزۇ ياش لۇ داۋچىن 16 يېشىدا سىرتتىن كۆكتوقاي ناھىيەسىگە كەلگەن بولۇپ، جان بىلەن ئوينىشىدىغان ئۇرۇشقاقلىقتا «يىراق - يېقىندا داڭق چىقارغان» ئىدى. ئەينى چاغدا باغ - ئورمان ئەترىتىدە ئىش كۈتۈپ تۇرغان سېرجان لۇ داۋچىننىڭ ھېچقانداق ئۇرۇق - تۇغقىنى يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ تۇرغۇزدى. بىر كۈنى، لۇ داۋچىن باشقىلار بىلەن مۇشتلىشىپ يارىلاندى، سېرجان ئۇنى يۆلەپ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ يارىسىنى تازىلاپ تېڭىپ قويدى. توپتوغرا ئىككى ئاي سېرجاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر لۇ داۋچىنغا ئۇرۇق - تۇغقىنىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدى، لۇ داۋچىن قاتتىق تەسىرلەندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگىرىپ، تۇرمۇشى ئىزىغا چۈشتى.

سېرجان بىلەن خۇ جۈفۇ ھەم خىزمەتتىكى ھەمراھلار، شۇنداقلا قەدىناس دوستلار. خىزمەتتە، سېرجان خۇ جۈفۇدىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، تەلىم ئالدى، جىنايەتچىلەر بىلەن ئېلىشقاندا، ئىككىسى ئوبدان ماسلاشتى ھەم مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى. بىر قېتىم، خۇ جۈفۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان خوتۇنىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ ئىككى ئاي داۋالاتتى. بۇ مەزگىلدە، سېرجان ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالدى.

كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەت سىجىللىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، سېرجان ياش تۇرۇپلا رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى ۋە يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى. پۇتىنىڭ قاتتىق ئاغرىق ئازابىدا ئۇ دائىم خىزمەت قىلىشتا قىينالسىمۇ ئەمما ئارام ئېلىشقا ئۇنىمايتتى. سېرجان قۇربان بولغاندىن كېيىن، سەپداشلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر «ھېسابات» قىلىپ بەردى: خىزمەتكە قاتناشقان يەتتە يىلدا، ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرغان، تۈرلۈك جەمئىيەت ئامانلىقى دېلوسىدىن 59نى بىر تەرەپ قىلغان، مۇھىم، زور جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 11نى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىشقا ياردەملەشكەن، بەش يىلدا جەمئىي 2300 نەچچە سائەت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن.

«تۇلپار ياكى تۇلپار ئەمەسلىكىنى بىلىشتە ئۇنىڭ كۆزىگە قاراش كېرەك، قەھرىمان ياكى قەھرىمان ئەمەسلىكىنى بىلىشتە ئۇنىڭ باسقان ئىزىغا قاراش كېرەك.» كىشىلەر قازاق مىللىتىنىڭ مۇشۇ ماقال - تەمسىلى بىلەن سېرجاننى سۈپەتلىدى، ئۇ قالدۇرغان چاقناپ تۇرغان ئىزلارمۇ ئەزەلدىن ئۇنتۇلۇپ قالمىدى ...

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى