تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خۇلاسىلەش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، نەتىجىنى جارى قىلدۇرۇپ، زېھىن ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

شى جىنپىڭ 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

خۇلاسىلەش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، نەتىجىنى جارى قىلدۇرۇپ، زېھىن ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا 7 - نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 7 - نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگونىڭ سالاپىتى، ھەربىيلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى، «مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش سەۋىيەسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش، مۇسابىقىگە قاتنىشىش نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، بۇ قېتىمقى خەلقئارا ھەربىي ئىشلار تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئېلان قىلدى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە، تەشكىلىي كومىتېت، ئارمىيە، يەرلىكتىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. خۇبېي ئۆلكىسى ھەم ۋۇخەن شەھىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلدى، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى خوجايىنلىق قىياپەت بىلەن قىزغىن قاتنىشىپ، پائال تۆھپە قوشۇپ، ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر خۇلاسىلەش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، نەتىجىنى جارى قىلدۇرۇپ، زېھىن ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، 7 - نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، 109 دۆلەتتىن كەلگەن 9300 دىن ئارتۇق ھەربىي تەنھەرىكەت ماھىرى مۇسابىقىگە قاتناشتى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 27 چوڭ تۈر، 329 كىچىك تۈردىكى مۇسابىقە تەسىس قىلىندى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي تەنھەرىكەتچىلىرى قەيسەر ئىرادە بىلەن ئاخىرقى چەككە جەڭ ئېلان قىلىپ، يېڭى يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، جەمئىي يەتتە تۈردە دۇنيا رېكورتىنى، 85 تۈردە خەلقئارا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 133 ئالتۇن مېدال، 64 كۈمۈش مېدال، 42 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال ۋە مېدال سانىدا 1 - ئورۇندا تۇرۇپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدىكى مۇسابىقە نەتىجىسىدە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.