تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قۇياش نۇرى جاسارەت بىلەن ئۇچۇش مۇساپىسىنى يورۇتتى

− پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشىنىڭ خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى شۆيۇڭ، جاڭ يۈچىڭ، جاڭ لېيلېي، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى مۇخبىرى لى جيەنۋېن

بۇ خەلق ھاۋا ئارمىيەسى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدىغان تارىخىي پەيت −

1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى ھەربىي پاراتىدا، 17 ئايروپىلاندىن تەشكىللەنگەن ئۇچۇش ئەترىتىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىپ قۇرغان خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پات ئارىدا دۇنياغا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەنىدى.

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتىدا، خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كۆپ تىپتىكى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كەڭ ئاسماندا سەپ تۈزەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، بىر قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئاسمان - زېمىن بىر گەۋدىلەشكەن، ھۇجۇم قىلىش بىلەن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تەڭ ھازىرلىغان قۇدرەتلىك خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش» ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چىقىرىپ، بىر قاتار خەلق ھاۋا ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋە يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلق ھاۋا ئارمىيەسى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

سەلتەنەتلىك 70 يىلنىڭ جاسارەتلىك ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئەسلىگەندە، ھاۋا ئارمىيەسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا سىڭدۈرگەن چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە مېھرىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد ھاۋا ئارمىيەسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەڭ مارشىنى پۈتۈپ چىقىپ، ساداقەت ۋە بۇرچنى ۋەتىنىمىزنىڭ كۆك ئاسمىنىغا نەقىشلىدى.

70 يىللىق شانلىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن خەلق ھاۋا ئارمىيەسى، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك ئېڭى، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى، ئاسمان بوشلۇقىدا ئېلىشىشتەك بۈيۈك ئىرادىسى بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ۋەتەننىڭ كۆك ئاسمىنىنى ياخشى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي مۇھاپىزەت قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى