تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوت مۇداپىئە تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتى باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز 2019 - يىللىق «119» ئوت مۇداپىئە تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ يىللىق ئوت مۇداپىئە تەشۋىقات ئېيى «ئوت ئاپىتى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇش»نى باش تېما قىلغان.

2018 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەمدە تەلىم سۆزى قىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇھىم، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەقەنى ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ئوت ئاپىتى ۋەزىيىتى ۋە قوشۇن باشقۇرۇشنىڭ يۈكسەك مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئاساسىي قوشۇنى ۋە دۆلەت قوشۇنى قۇرۇش مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم باستى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنلىرى دۆلەتنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، «ئىككىدە قاتتىق بولۇش، ئىككىدە ئۆلچەملىك بولۇش»تىن ئىبارەت قوشۇن قۇرۇش ئۆلچىمى ۋە مۇنتىزىملاشقان، كەسىپلەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. مەۋقەنى «پۈتۈن ئاپەت تۈرى، زور جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش»تىن ئىبارەت ۋەزىيەت ۋەزىپىسىگە قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، «قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدىيەسى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش فۇنكسىيەسى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش جابدۇقلىرى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئۇسۇلى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مېخانىزمى»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ئۇنىۋېرسال نىشانلىق باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى دائىم تۇتۇش، دائىم مۇھاكىمە قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، مۇھىم، زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىپ، ئوت مۇداپىئە خىزمىتى بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى