تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئايرىم - ئايرىم يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى:

دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز

11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىدىغان نۇقتىلىق مەزمۇن قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى سىجىل قوزغىشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «بىرىكىمە مۇشت»نى سىجىل ياخشى ئېتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تىپلارنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىدىكى ئۈنۈملۈك تۈزۈم، ئۇسۇللاردا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى:

قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرىمىز

11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ماھىيىتى ۋە جەۋھىرىنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، زىچ بىرلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش، ئۈچكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگاننى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى