تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لو جېڭگۇاڭ) پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللىشىنى قارار قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى ئاساسلىقى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاشقا قاتناشقان ئالاقىدار يولداشلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قىسمەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق ساھەلەر ۋە جايلاردا لېكسىيەنى قانات يايدۇرىدىكەن.

11 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن باشلاپ، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بېيجىڭدا كوللېكتىپ دەرس تەييارلىدى. كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارار»ى، «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ لېكسىيە تېزىسى» بويىچە كۆڭۈل قويۇپ دەرس تەييارلاپ، لېكسىيە ئارگىنالىنى تەييارلاپ يېزىپ، ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن تولۇق، ياخشى تەييارلىق قىلدى.

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى