تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ داشۆسى ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرى «قوش باشلامچى»لار بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۆگىنىش ۋە پائالىيەت لايىھەسىنى تۈزۈش... يېقىندىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆسى ماتېماتىكا ۋە سىستېما ئىلمى شۆيۈەنى ئوقۇتقۇچى - خىزمەتچىلەر 5 - پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەخمەتجان ئىمىن ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئەمدىلا تەڭشەپ ئۆزگەرتىپ سايلانغان ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجى «قوش باشلامچى»سى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى.

«پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پەنلەر بويىچە <قوش باشلامچى> بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۆيۈەننىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پەنلەر تەرەققىياتى، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشى بىلەن زىچ يۇغۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، شۆيۈەننىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشۈم كېرەك» دېدى ئەخمەتجان.

2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، «قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش»نى زىچ چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ بولۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتچانلىق يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەپ، ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرىنى «قوش باشلامچى»لاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرى «قوش باشلامچى»لار بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى مەكتەپنىڭ ئاساسىي قاتلىمىغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولدى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ بولۇش مەسىلىسىنى سىجىل تۈزەشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ داشۆسىدىكى ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ياچېيكىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۈرۈش تەلىپى بويىچە دەل ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ياچېيكا خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. مەكتەپ ياچېيكىنى ئۆزگەرتىپ سايلاش ۋە شۆيۈەن رەھبەرلىرى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىغا ياچېيكا شۇجىسىنى سەپلەپ تولۇقلىدى، نۆۋەتتە 70 ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرى «قوش باشلامچى»لاردىن بولۇشنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشتى.

باش تېما تەربىيەسىدە، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى شۆيۈەن ۋە ئورۇنلار بىلەن چوڭقۇر ئالاقىلىشىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى بىلەن باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك تۈزىتىش خىزمەتلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. قىسمەن پارتىيە ياچېيكىلىرىدىكى خىزمەت تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش قاتتىق بولماسلىق، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق، پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، «بىر ياچېيكىغا بىر تەدبىر بولۇش» تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۈزىتىش ۋاقىت جەدۋىلى، يۆنىلىش خەرىتىسى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

شىنجاڭ داشۆسى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېخنولوگىيەسى شۆيۈەنى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى ئۆگىنىش - تەربىيە ۋاسىتىسىنى بېيىتىش، پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ياچېيكا بەنزىسىنى كۈچلۈك سەپلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق تۈزەش خىزمىتىنى پائال ياخشى تۇتۇپ، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا قوش يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىنا مۇلازىمىتى باشقۇرۇش ئىشلىرىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

«تەشكىللەش تەرتىپلىك بولدى، پائالىيەتكە سورۇن بار بولدى، ئۆگىنىشتە ۋاسىتە بار بولدى.» باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، شىنجاڭ داشۆسى ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېخنولوگىيەسى شۆيۈەنى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شى يەنلېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدە، پارتىيە ياچېيكىمىز «تىرىشىپ ئۆگىنىش» «تازىلىق ئارقىلىق تۈزەش» قاتارلىق سەككىز جەھەتتە پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگىلىك ئىش ئورنىنى باھالاپ، ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توپى ئىچىدىكى يېتەكچىلىك رولى ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى