تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالتاي ۋىلايىتى يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، چىن دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر

«ئىلگىرى ئالتاي شەھەر رايونىغا مال يەتكۈزمەكچى بولساق، ئۆزىمىز يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىجارە ئالاتتۇق، بەزىدە ئاپتوموبىل تېپىلمايمۇ قالاتتى. ھازىر <بىر يۈەنلىك> ئاممىۋى ئاپتوبۇس كۈندە قاتنايدۇ، بېرىپ - كېلىشكە ئىككى يۈەنلا كېتىدۇ، ئەرزان، قولايلىق!» 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سەھەردە، ئالتاي شەھىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 1 - چارۋىچىلىق فېرمىسى كىشىقوبې شۆبە مەيدانىنىڭ ئاھالىسى چېن سۇڭخۇا ئۆيىدىكى يەرلىك تۇخۇملارنى ئوراپ قاچىلاپ، شەھەر - يېزا «بىر يۈەنلىك» ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئالتاي شەھەر رايونىغا مېڭىشقا تەييارلاندى.

باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا ئالتاي ۋىلايىتى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «2+8» مەخسۇس تۈزەش ۋە «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە ھەل قىلغىلى بولىدىغان گەۋدىلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ تۈزىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەممىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

چەت - ياقا جايلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش، يول يۈرۈشى قىممەت بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ئالتاي ۋىلايىتى بۇنى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈشنى مەخسۇس تۈزەش مەسىلە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلدى. ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش، مالىيە ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 47 يېزا - بازار، 310 كەنتتە شەھەر - يېزا «بىر يۈەنلىك» ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنى يولغا قويدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ۋىلايەتتە تىجارەت تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 40ى ئېچىلىپ، 44 ئاپتوبۇس سەپلىنىپ، 212 مىڭ 700 ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلۈپ، كەڭ دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

چەت، ياقا كەنت ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ دورا ئېلىشى قىيىن بولۇش، چوڭ شەھەرگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا تۈزەش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، داۋالاش - دورا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، يىراقتىن داۋالاشنى كىرگۈزدى. ناھىيە، يېزا داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش بايلىقلىرىنىڭ تىك يۆنىلىشتە بىرىكىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزا داۋالاش، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە، يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ «كىچىك كېسەل كەنتتىن چىقماسلىق، چوڭ كېسەل بازاردىن چىقماسلىق» ساغلاملىق تورىنى بەرپا قىلدى. «دېھقان - چارۋىچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، دوختۇرخانا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر ۋە تايانچ ۋىراچلارنى تەشكىللەپ ئوخشاش بولمىغان تۈركۈملەرگە بۆلۈپ پۈتۈن ناھىيەدىكى ئون يېزا - بازارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچى ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىلەندۈردى» دېدى كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جياڭ چاۋ.

ئالتاي شەھىرى بىنخې يولى مەھەللىسى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى يىغىش ئارقىلىق ئامما ئىنكاس قىلغان پار ئىسسىماسلىق ئەھۋالىنى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش مەسىلىسى سۈپىتىدە ۋاقتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلدى. ئالتاي شەھەرلىك پارتكوم مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل قىلىپ، بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ پار تۇرۇبىسىنى ئالماشتۇرۇشنى 2019 - يىللىق شەھەردىكى كەپە مەھەللىلەرگە ئۇل ئەسلىھەلەرنى سەپلەش قۇرۇلۇش تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلاپ ئولتۇراق رايوندىكى كونا پار تۇرۇبىلىرىنى ئالماشتۇردى. ھازىر، بىنخې يولى مەھەللىسىنىڭ پار تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى تولۇق تاماملىنىپ، ئولتۇراق رايوندىكى 594 ئائىلىنىڭ ھەممىسىگە پار بېرىلدى.

ئالتاي شەھىرىدىكى كاڭجېڭ ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى گاۋ چىن مۇنداق دېدى: «پۇتۇمدا ئېغىر رېماتىزم كېسىلى بار، شامالدىسام بولمايدۇ، پار يولى ئۆزگەرتىلىپ، پار بېرىلگەندىن كېيىن، ھازىر ئۆيىمىز بەك ئىسسىق، بەدىنىمىز ئىللىدى، قەلبىمىزمۇ ئىللىدى، بەخت تۇيغۇمىز تېخىمۇ كۈچەيدى!»

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ تىڭ، شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈلى، خۇ جىنلياڭ، خۇ جۈنشيۇ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى