تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى ۋېنۋۇ، گې شياۋمېڭ فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى موڭغۇلكۈرە ئېگىزلىكىدە قار ياغدى، قاتتىق قار توپتوغرا بىر كۈن يېغىپ، پۈتكۈل موڭغۇلكۈرە يايلىقىنى قاپلىدى، دەرەخ شاخلىرىغا ئاق مامۇقتەك قار قونۇپ، كائىنات كۈمۈش تونغا ئورىنىپ، ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەللىك نامايان بولدى. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپئاق قار، كۆپكۆك ئاسمان، خىلمۇخىل ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇلۇتلار، كەڭ كەتكەن يايلاق، كۆك بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل مەنزىرىلەر بىر گەۋدىلەشتى، قارلىق دالىدىكى شادىمان ئات توپى تىيانشان ئېتىكىدە ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرەتتى، كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ بارچە كۆرۈنۈش چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.