تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جەرەن «ئۆيىگە قايتتى»

خەلق ساقچىلىرى ئوغلىقىنى ئېمىتىۋاتقان ئۆچكە تېپىپ كېلىپ جەرەننى ئەمدۈردى ( 2018- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى تارتىلغان).

11- ئاينىڭ 6- كۈنى، جەرەن كۆزى قىيمىغان ھالدا ساقچىلاردىن ئايرىلدى. تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلگەن جەرەن دالىدا بار كۈچى بىلەن يۈگۈرمەكتە. (11- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان). 

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ۋاڭ جىچىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 11- ئاينىڭ 6- كۈنى جەرەن كۆزى قىيمىغان ھالدا بىر نەچچە خەلق ساقچىسىغا قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يۈگۈردى. 2018- يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا، بىڭتۇەن 1- شىسى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چارۋىچىلار ئېلىپ كەلگەن دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان جەرەننى تاپشۇرۇۋالىدۇ. خەلق ساقچىلىرى سۈت بوتۇلكىسى ۋە سۈت تالقىنى سېتىۋېلىپ كېلىدۇ، ئاندىن  مەخسۇس جەرەننى «بېقىش» ئۈچۈن يەنە بىر ئۆچكىنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كۆڭۈل قويۇپ بېقىش ئارقىلىق، جەرەن ئاستا-ئاستا چوڭ بولدى. ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خادىملىرىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، ساقچىلار جەرەننى دالىغا قويۇپ بېرىپ، جەرەنلەر دائىم پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورمانلىقىغا ئاپىرىپ، ئۇنى تەبىئەتكە قايتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى