تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مۇتەخەسسىسلەر ياش-ئۆسمۈرلەرگە ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى

(ماتېرىيال سۈرەت)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 11- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى: كۈز پەسلى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كۆپ ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزگىل. يېقىندا، نىڭبو شەھەرلىك ئانا- بالىلار دوختۇرخانىسى يۈگۈرۈش، يىراققا سەكرەش سەۋەبىدىن سۆڭىكى سۇنغان ئۈچەيلەننى داۋالىدى. ئۇنداقتا، يۈگۈرۈش، سەكرەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سۇنۇق قانداق يۈز بەرگەن؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كۆمۈرچىكى يېتىلىپ بولالمىغان بولۇپ، تۇيۇقسىز قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا، مۇسكۇل يىرتىلىش خاراكتېرلىك سۇنۇق يۈز بېرىشى مۇمكىنكەن.

  جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىدىكى 11 ياشلىق ئوغۇل بالا مەكتەپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 1500 مېتىر ئارىلىققا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تۈرىگە قاتناشقان، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن يانپاش سۆڭىكىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، ئاتا- ئانىسى مۇسكۇل زەخمىگە ئۇچرىغان ئوخشايدۇ، ئارام ئالسىلا ئەسلىگە كېلىدۇ، دەپ ئويلىغان. ۋاھالەنكى، ئاغرىق بارغانسېرى كۈچەيگەن، دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە، ئوڭ يانپاش ئالدى يۇقىرىقى تەرىپىنىڭ مۇسكۇلى يىرتىلىش خاراكتېرلىك سۇنغان دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلگەن. نىڭبو شەھەرلىك ئانا- بالىلار دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللىكلەر 2- بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى دىڭ شېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىرتىلىش خاراكتېرلىك سۇنۇققا گىرىپتار بولغان بالىلار گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەريىلى بار ئىكەن، بولۇپمۇ كېيىنكى يېرىم يىل تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كۆپ ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزگىل بولغاچقا، بۇ خىل سۆڭەك سۇنۇش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ خىل بالىلاردىكى يىرتىلىش خاراكتېرلىك سۇنۇق 10 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ھەرىكەت مىقدارى چوڭ بولۇش سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىكەن، مەسىلەن: ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش، ئېگىزگە سەكرەش، يىراققا سەكرەش. بۇ ياش باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ كۆمۈرچىكى يېتىلىپ بولالمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەت جەريانىدا تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلمىگەچكە ئاسانلا يىرتىلىش  خاراكتېرلىك سۇنۇق ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.

  بۇ خىل سۇنۇقنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ دىڭ شېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆپ خىل ئەھۋال ھەرىكەتتىن بۇرۇنقى بەدەن قىزىتىشنى چۈشەنمەسلىك ياكى بەدەننى تولۇق قىزىتماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، مۇسكۇلنى سوزۇش نىسبەتەن ئاجىز بولغاندا، مۇسكۇلنىڭ جىددىي سوزۇلۇش، يىغىلىشى جەريانىدا سۆڭەك سۇنىدىكەن. شۇڭا، ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن 15-20 مىنۇت چوقۇم بەدەن قىزىتىش كېرەككەن، ئۇنىڭدىن باشقا بالىلار ئادەتتىمۇ چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ بەدەننى جىددىي ھەرىكەتكە كۆندۈرۈشى زۆرۈر ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى