تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە ئىقتىساد باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جېڭ مىڭدا، ۋاڭ جولۇن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە ئىقتىساد باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى - تاشقى جەھەتتە بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزىدۇ. فىرانسىيە، ياۋروپا سودا - سانائەت ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت. جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى باشتىن - ئاخىر دۇنياغا ئېچىۋېتىلىدۇ، فىرانسىيە، ياۋروپانىڭمۇ دەرۋازىسىنى جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئادىل ئېچىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ، فىرانسىيە ۋە ياۋروپا بىلەن بىللە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللاپ، قورۇقچىلىققا، يەككە تەرەپچىللىككە قارشى تۇرۇپ، ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن سودا ۋە سېلىنما سىياسەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

بىز ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، پاك، يېشىل بولۇش ئىدىيەسى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان خەلقئارا قائىدە - ئۆلچەملەرنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قوش يۆنىلىشتە ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان سېلىنما مۇھىتى يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشىمىز، ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بىز چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئادا قىلىپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىنى ھەمكارلىشىپ تۈگىتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، يەر شارىۋى خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، بۇنىڭ فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. فىرانسىيە كارخانىلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئىلغارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش روھى بىلەن جۇڭگو بازىرىنى داۋاملىق ئېچىشى كېرەك. فىرانسىيە ۋە ياۋروپامۇ جۇڭگوغا بازىرىنى ئېچىۋېتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارنى ئادىل رىقابەتلىشىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو، ياۋروپا بىلەن جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ياڭ جيېچى، خۇ چۇنخۇا، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.