تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، پۇختا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

سىياسىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، پۇختا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، پۇختا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت بۇ نېگىزلىك مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان روھ بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ھەرقايسى ھالقىلاردا سىياسىي جەھەتتىن سەۋەبىنى ئىزدەش، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش، تۈپتىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ مەسىلە، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئىدىيەۋى مەسىلە، خىزمەتتىكى مەسىلىلەر تىزىملىكىنى تۈزۈپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە بولۇشىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، سىياسىي تەلەپنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. غايە - ئېتىقاد جەھەتتىكى بىردەك ئىتتىپاقلىشىشنى كۆزلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تەشكىلىي رەھبەرلىك جەھەتتىكى بىردەك ئىتتىپاقلىشىشنى كۆزلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆلچەم خادىسى بولۇش، ئۈلگە بولۇش كېرەك؛ سىياسىي لۇشيەن جەھەتتىكى بىردەك ئىتتىپاقلىشىشنى كۆزلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئالىي مەكتەپلەردىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك؛ تۈپ مەيدان جەھەتتىكى بىردەك ئىتتىپاقلىشىشنى كۆزلەپ، «تۆت مۇلازىمەت»تە بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش كېرەك؛ سىياسەت، ئەمىر - پەرمان جەھەتتىكى بىردەك ئىتتىپاقلىشىشنى كۆزلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىنتىزام، قائىدىنى گەۋدىلەندۈرۈش، چىڭىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ رولى، پارتىيەنىڭ خىزمىتى، پارتىيەنىڭ پائالىيىتى، پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ كۈچ - قۇدرىتىدىن ئىبارەت «يەتتە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت نېگىزلىك ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ تەربىيەلەش كېرەك.

يىغىندا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىخەنزە داشۆسى، سانجى شۆيۈەنى، شىنجاڭ زامانىۋى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ سانائەت - ئىقتىساد مەكتىپىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى رېن خۇا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى