تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ جولۇن، جېڭ مىڭدا) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن، مەن سىز بىلەن شاڭخەيدە بىرلىكتە 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتىم، بىز سۆزىمىزدە بىرلىكتە پۈتۈن دۇنياغا قەتئىي ھالدا كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال تارقاتتۇق. بىز يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر، مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى كۈچەيتتۇق. بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك. مەن سىز بىلەن بىللە دۇنياغا يۈزلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، خەلققە يۈزلىنىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىدە كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇ يىل 3 - ئايدا مەن فىرانسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندىن بۇيان، بىز ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلار پائال ئەمەلىيلەشمەكتە. تەيشەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1 - نومۇرلۇق ۋە 2 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ سودا خاراكتېرلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە 3 - ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى. ئىككى دۆلەت بىرلىكتە 2 - تۈركۈمدىكى جۇڭگو - فىرانسىيە سانائەت ھەمكارلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پارىژدا 4 مىليارد ياۋرولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زايوم تارقاتتى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە يەنە جۇڭگو - ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ تاماملىنىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىللە دىققەتنى ئالتە چوڭ نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. داۋاملىق ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، يادرولۇق مەنپەئىتى، مۇھىم، زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىكى ئىپادىسىنى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، پارتىيە، ئارمىيەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىش كېرەك. تور بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئىككىنچى، چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىللە يادرو ئېنېرگىيەسى جەھەتتىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت بازىرى، 3 - تەرەپ بازىرىدا يېڭى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىشىغا، يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاساسى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىرىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ. ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردە ھاسىل قىلىنغان يېڭى ھەمكارلىقنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

ئۈچىنچى، قوش يۆنىلىشلىك بازارنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىللە قوش يۆنىلىشلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بازار قائىدىسى ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ، فىرانسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگوغا قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەت قوللانماسلىق توغرىسىدا بىلدۈرگەن ئىپادىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، فىرانسىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، بىخەتەر تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك، يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك جەھەتتىكى ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك ئىرادىگە تولغان، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغان جۇڭگو - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمكانقەدەر تېز ھاسىل قىلىشنى قوللايدۇ.

تۆتىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بېكىتىلگەن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈر تىزىملىكىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ بازار ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بەشىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو - فىرانسىيە پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىت، جۈملىدىن جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك، تېخىمۇ كۆپ فىرانسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو - فىرانسىيە ۋۇخەن ئېكولوگىيەلىك ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورغا ئۇلانغان ئاپتوموبىل، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك.

ئالتىنچى، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2021 - يىللىق جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مۇزېي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىللە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىنى ئۇل تاش قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنىڭ كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش شەكلىدە توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى خالايدۇ. ئورتاق ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «پارىژ كېلىشىمى»نى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى پەيتىدە يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەن ۋە رەئىس شى جىنپىڭ ئىككىمىز پات - پات ئالاقىلىشىپ، فىرانسىيە - جۇڭگو دوستلۇقىنى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان قارىشىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو نۇرغۇن مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ئوخشاش مەيداندا تۇرىدۇ، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى مۇھىم ئۈلگىلىك رولغا ئىگە. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئىختىلاپلارغا قارىتا، فىرانسىيە تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ. فىرانسىيە كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ، جۇڭگوغا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى قىزغىن ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ فىرانسىيەدە ياۋرو زايومى تارقىتىشى فىرانسىيەگە نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېرىپ ھەمكارلىشىشىغا نىسبەتەن ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا قارىتا بازار دەرۋازىسىنى تاقاپ قويمايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېشىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيلىكتىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىدا ئىلگىرىلەشنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو «فىرانسىيە - جۇڭگو جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى بېيجىڭ تەشەببۇسى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلىدۇ، ئىككى دۆلەت بۇ مۇھىم مەسىلىلەردە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرسا بولىدۇ. ھازىرقى ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنيادا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم، فىرانسىيە تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا - جۇڭگو سېلىنما كېلىشىم سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى، بۇ، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، يادرو ئېنېرگىيەسى، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرى، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، تەبىئەتنى قوغداش، پۇل مۇئامىلە، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم جۇڭگو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىنى قوغداش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىم سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئىمزالىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى دۆلەت «جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ھەرىكەت پىلانى» ۋە «جۇڭگو - فىرانسىيە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى بېيجىڭ تەشەببۇسى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى.

ماكروننىڭ گۇۋاھلىقىدا، شى جىنپىڭ فىرانسىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لو لياڭ تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ماكرون ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، ياڭ جيېچى، خۇ چۇنخۇا، ساۋ جيەنمىڭ، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.