تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋاڭ بىڭچىڭنىڭ 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق راۋاجلىنىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شىنجاڭ پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ھەم ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %60تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى، پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى بايرىمى قىلىپ بېكىتىلدى؛ مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قانۇن بويىچە قوغدالدى، ۋارىسلىق قىلىندى، ئەۋج ئالدۇرۇلدى، «ماناس» «جاڭغىر» قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىل خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى رەتلەپ نەشر قىلىندى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل - يېزىق ئۆگىنىشى تەشەببۇس قىلىندى ۋە ئىلھاملاندۇرۇلدى؛ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈلدى، ئىشلىتىلدى، 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە مەمۇرىي، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى 428 مىڭغا يېتىپ، كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %50.3ىنى ئىگىلىدى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇن بويىچە كۈچەيتىلىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەر قوغدىلىپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئوبلاست (ۋىلايەت، شەھەر) دەپ نام بېرىلدى؛ 50 ئورۇن ۋە 12 بازىغا دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە تەربىيە بازىسى، دەپ نام بېرىلدى.

شىنجاڭ يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش، كۆپ قاتلام، كۆپ خىل ئۇسۇل، كۆپ خىل شەكىلدە بېرىش - كېلىش قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. 2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇغقانلاشقان كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۈچۈن 940 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى، 49 مىليون 210 مىڭدىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى، 18 مىليون 30 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، ھەر مىللەت ئاممىغا 48 مىليون 980 مىڭ ئائىلە قېتىمدىن ئارتۇق نەپ يەتكۈزدى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» باش تېمىسى بويىچە 18 مىليون 350 مىڭدىن ئارتۇق مەيدان قېتىم تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدا ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا سۆزلەيدىغان، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنى قىلىدىغان، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى