تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ تارماقلار ئارقا - ئارقىدىن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسى:

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلەيمىز

11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدىكىلەر جەزمەن زىممىگە ئالىدىغان مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «قارار»نىڭ ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىش، تەشۋىقات قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغاپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدىكىلەر پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلىشى كېرەك. يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، ئاساسىي رىتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ياخشى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە نامايان قىلىپ، كونكرېت ھەرىكەتلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشنىڭ يېڭى نەتىجىسى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى:

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز

11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جى جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خىزمەتلەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە غايەت زور ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى:

دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز

11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىرىنچى، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشتە ئۈلگە بولۇشقا كۈچەش كېرەك. ئىككىنچى، سىياسىي جەھەتتە نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا بېرىلگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە ئاساسەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر نازارەت قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك؛ يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش بىلەن بىللە، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل غوپۇر، جاڭ يەنفاڭ، لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرى خۇاڭ ۋېنفاڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى