تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بېشى رېشاتكىغا قىسىلىپ قالغان ئۈچ ياشلىق قىز قۇتقۇزۇۋېلىندى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇڭ شياۋخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۇڭ جيەنۋېي خەۋىرى، سىن كۆرۈنۈشىنى ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تەمىنلىگەن): يېقىندا، تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھىرىدە ئۈچ ياشلىق بىر قىز ئاپىسى بىلەن بىللە ئاممىۋى ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقاندا، ئويۇنغا بېرىلىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن بېشىنى بىخەتەرلىك رېشاتكىسىغا قىسىۋالغان، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئانىسى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى شىخۇ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتى يېڭى رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتى مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، بېشى رېشاتكىغا قىسىلىپ قالغان قىزچاقنىڭ مىدىرلىيالماي قالغانلىقىنى، ئانىسىنىڭ تەسەللى بېرىشى ئاستىدا قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن.

قىزچاقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئالدى بىلەن كىيىم ئارقىلىق ئۇنىڭ بېشىنى ئاۋايلاپ ئوراپ قويغان، ئاندىن سۇيۇقلۇق بېسىمىدىكى قايچىلىق ئامبۇر بىلەن مۇداپىئە رېشاتكىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىنى كەسكەن، ئارقىدىن مۇداپىئە رېشاتكىسىنىڭ ئاستى تەرىپىنى كېرىپ رېشاتكا ئارىلىقىنى كېڭەيتىپ، ئاخىرىدا قىزچاقنى بىخەتەر قۇتقۇزۇپ چىققان.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى