تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې، پراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى، فوتوسى) بۈگۈن ئالتاي شەھىرىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كېيىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ئۆزگىرىدىكەن، چۆچەك شەھىرىدە ئازراق ياكى ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن، يوللاردا مۇز تۇتۇشتىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلدى، غۇلجا شەھىرىدە يامغۇر ئارىلاش قار ياغدىكەن، بورتالا شەھىرىدە ئازراق يامغۇر يېغىپ، كېيىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ئايلىنىدىكەن، يوللاردا مۇز تۇتۇشتىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى، قاراماي شەھىرىدە ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغدىكەن، شىخەنزە شەھىرىدە ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن.. سانجى شەھىرىدە ئازراق قار ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدىكەن، سىرتقا چىققاندا قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىڭ، كۈنلۈك ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ. شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدىكەن.  

  شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، تاكى 11- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، تېمپېراتۇرانىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن جايلاردا ئەتە قارنى كۆرگىلى بولىدىكەن. 

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى تۆنۈگۈن (11- ئاينىڭ 6- كۈنى) كى ℃8 تىن بۈگۈنكى ℃2 قا چۈشىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃0 بولىدىكەن، ئەتە يەنە يامغۇر ياغىدىكەن، بۇ ئىككى كۈندە سەھەردە يوللار تېيىلغاق بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئىشقا بېرىپ كەلگەندە ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق يولغا چىقىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  شوپۇرلار دىققەت، بۈگۈن G218 لىنىيەسىنىڭ مىستىن ئارالتۆبەگىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ بوزىيادىن قونجىراپقىچە بولغان بۆلىكى، توقسۇدىن بۈگۈرگىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، G315 لىنىيەسىنىڭ گۇمىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق لىنىيە بويلىرىدىكى قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قېلىن قار ياغىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى