تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئوينىغان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى

11- ئاينىڭ 5- كۈنى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى شىرئەلىجان توپ ئېلىپ بۆسۈپ ئۆتمەكتە.

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار دۇڭ لياڭ، جوۋ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 11- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچ، شىنجاڭ ئىلى ئالاھىدە ھارىقى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 2019—2020- يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۆز مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى، ئەڭ ئاخىرىدا مۇسابىقە ۋاقتىنى ئىككى قېتىم ئۇزارتىش ئارقىلىق 138گە قارشى 146 نەتىجىدە جېجياڭ چوۋجوۋ بانكىسى كوماندىسىنى يېڭىپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى ئۆز مەيدان مۇسابىقىسىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

«بىر ياش قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېجياڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى كەسكىن بولدى، بۇنى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ. لېكىن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن-ئاخىر بەل قويۇۋەتمىدى ھەمدە قەيسەرلىك بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، مەن ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن. قىسقىسى، ئىككى كوماندا بۈگۈن كەچتە كۆپچىلىككە ناھايىتى قالتىس ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنى سۇندى» دېدى شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئادىلجان مۇسابىقىدىن كېيىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى