تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

ئوچۇق ھەمكارلىشىدىغان، ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئوچۇق ھەمبەھرىلىنىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى جۇڭگونىڭ يېڭى تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

11- ئاينىڭ 5- كۈنى، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئوچۇق ھەمكارلىشىش تەقدىرداش بولۇش» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

11- ئاينىڭ 5- كۈنى، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئوچۇق ھەمكارلىشىش تەقدىرداش بولۇش» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. سۈرەتتە: باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جياڭ ۋېي، ياڭ يىجۈن، جۇ چاۋ) 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئوچۇق ھەمكارلىشىش تەقدىرداش بولۇش» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىش روھىي ھالىتى ۋە تەدبىرى ئارقىلىق ئوچۇق ھەمكارلىشىدىغان، ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئوچۇق ھەمبەھرىلىنىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىردى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر يىل ئىلگىرى، بىز بۇ يەردە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. بۈگۈن، تېخىمۇ كۆپ دوستلار ۋەدىلەشكىنى بويىچە يېتىپ كەلدى. مەن ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى دوستلار خۇشال - خۇرام كېلىپ، رازى بولۇپ قايتىدۇ. بۇلتۇر مەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى بەش جەھەتتىكى تەدبىرىنى جاكارلاپ، شاڭخەيگە قارىتا ئۈچ نۇقتىلىق ئېچىۋېتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بىر يىلدىن بۇيان، بۇ ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى ئاساسەن ئەمەلىيلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تارىخىي ئېقىم. گەرچە بەزى قايتما دولقۇنلار كۆرۈلىدىغان بولسىمۇ، گەرچە ناھايىتى كۆپ خەتەرلىك ساھىل ۋە يوشۇرۇن توسالغۇلارغا دۇچ كەلسىمۇ، لېكىن چوڭ دەريا - ئېقىنلارنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ۋەزىيىتىنى ھېچكىممۇ توسۇپ قالالمايدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىنى ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆزى يالغۇز ھەل قىلالىغان ئەمەس. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنسانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىش روھىي ھالىتى ۋە تەدبىرى ئارقىلىق ئورتاق ھالدا پۈتۈن يەر شارى بازىرىدىكى تورتنى چوڭايتىشى، پۈتۈن يەر شارى ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمىنى پۇختىلىشى، پۈتۈن يەر شارى ھەمكارلىق شەكلىنى جانلاندۇرۇشى كېرەك، ئورتاق ھالدا ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قانچە زورايتسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ، قارشىلىق كۈچىنى قانچە كىچىكلەتسە شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ بىرقانچە نۇقتىلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، ئوچۇق ھەمكارلىشىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىش. زىددىيەت ۋە سۈركىلىش ئالدىدا، كېڭىشىش، ھەمكارلىق توغرا يول. پەقەت باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا يول قويغاندىلا، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلە يوق. ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، « قولنى قويۇۋېتىش»تە ئەمەس، بەلكى «قولنى چىڭ تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «تامنى قوپۇرۇش»تا ئەمەس، بەلكى «تامنى چېقىۋېتىش»تا چىڭ تۇرۇپ، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىش. ھەرقايسى دۆلەتلەر يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاپ، يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسىنى تولۇق قېزىش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى ئورتاق كۈچەيتىش كېرەككى، بىلىمنى قامال قىلىش، پەن - تېخنىكا ھاڭىنى پەيدا قىلىش، ھەتتا كېڭەيتىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك.

ئۈچىنچى، ئوچۇق ھەمبەھرىلىنىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىش. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. بىز ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز.

بىرىنچى، بازارنى ئېچىۋېتىش داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ. جۇڭگودىكى ئوتتۇرا ھال كىرىملىك توپنىڭ كۆلىمى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ، بازار كۆلىمى غايەت زور، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى مۆلچەرلىگۈسىز. جۇڭگو بازىرى مانا مۇشۇنداق چوڭ، كۆپچىلىكنىڭ كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تېخىمۇ جانلىق بولغان دۆلەت ئىچى بازىرىنى پائال قۇرىدۇ، ئىمپورتنىڭ رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، تاموژنا بېجى ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ، بىر تۈركۈم ئىمپورت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان رايونلارنى يېتىشتۈرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىدۇ.

ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. جۇڭگو ئەركىن سودا سىناق رايونىنى دادىل سىناق قىلىش، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا داۋاملىق ئىلھام بېرىدۇ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ ھەم خۇاڭخې ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى تۈزىدۇ، ئېچىۋېتىشنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت ئۈنۈم ئېففېكتىنى ئاشۇرىدۇ.

ئۈچىنچى، تىجارەت - سودا مۇھىتى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. جۇڭگو داۋاملىق ھالدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە قارىتا، ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ۋە مۇھىم ساھەلەردە ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، چەت ئەل مەبلىغى بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، سەلبىي تىزىملىكنى داۋاملىق قىسقارتىپ - ئازايتىپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش، ئۇچۇر دوكلاتى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

تۆتىنچى، كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ زۆرۈر بولغان ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ نوپۇزلۇقلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ. رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق ئىمزالىنىپ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو − ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى، جۇڭگو - ياپونىيە - كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى، جۇڭگو − پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق مېخانىزم ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بەشىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ. جۇڭگو ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ھەمبەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شەكىلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم جەزمەن پارلاق بولىدۇ.

شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنىڭ ئۇزاق كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە مەنسۇپ ئۇلۇغ ئىش. جۇڭگو قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، سېلىنما پۇرسىتى، ئېشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئوچۇق تىپتىكى دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلىگەن جەرياندا، پۈتۈن مەيداندا كۆپ قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئارقىدىن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس، يامايكا زۇڭلىسى ھولنېس، سېربىيە زۇڭلىسى برنابىچ، ئىتالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى دىمايو، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازېۋېدو ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو ئۆتكۈزگەن 2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، بۇ، جۇڭگو رەھبىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىنى ئېنىق نامايان قىلىپ بەردى، جۇڭگونىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان روھىنى ھەمدە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ۋە ئەركىن سودا، مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىرادىسى ۋە سەمىمىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، دەپ قارىدى.

ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىش دېيىشكە بولىدۇ، بۇ، زامانىمىزدىكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولغان، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ پايدىسىدىن بولغان. جۇڭگو ھەم يەر شارىۋىلىشىشتىن مەنپەئەتلەنگۈچى، ھەم ئۇنى بەرپا قىلغۇچى. قەدىمىي يىپەك يولى بۈگۈن يەنە داۋاملىشىپ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونى تېخىمۇ زىچ تۇتاشتۇردى. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، جۇڭگو دۇنياغا ئېچىۋېتىشكە موھتاج، دۇنيامۇ جۇڭگوغا ئېچىۋېتىشكە موھتاج. ئېچىۋېتىش ياۋروپانىڭمۇ تاللىشى. ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش تەدبىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ئىنتايىن ئۈمىد قىلىدۇ. يەر شارىۋىلىشىش داۋامىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىققا مۇراجىئەت قىلىش، تاموژنا بېجى قورالى ۋە ئورمانلىق قائىدىسىنى قوللىنىش ھازىرقى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ، بۇ فىرانسىيەنىڭ تاللىشى ئەمەس، شۇنداقلا ياۋروپانىڭمۇ تاللىشى ئەمەس. سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەنپەئىتى ھەمدە كۆپ تەرەپچىللىك، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسى قوغدىلىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگونى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، دەپ قارايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىنى كۆزلەپ، كۈچلۈك كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، تېخىمۇ تەڭپۇڭ خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەللىك رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىدىكى مۇھىم موتور ۋە خەلقئارا سودىدىكى مۇقىم ئامىل. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇۋەپپەقىيىتى شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، 21- ئەسىردە دۆلەت بىلەن دۆلەت كۈنسېرى بىر - بىرىگە تايىنىدىغان، تەقدىرداش بولۇۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، پەقەت سىرتقا ئېچىۋەتكەن، بېكىنمىچىلىك قىلمىغاندىلا، پائال ھەمكارلاشقان، قوشنىلىرىغا زىيان يەتكۈزمىگەندىلا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالغان، ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمىگەندىلا، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ۋە پۈتۈن يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىشى دۇنيا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋە ئېچىۋېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاقە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە ئورتاق قۇچاق ئېچىشنى خالايدۇ.

باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى ھەم دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، «جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» مۇنبىرىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇلار ۋەكىللىرى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كىچىك تىپتىكى مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ مىنىستىرلىرى ۋە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

دىڭ شۆشياڭ، لى چياڭ، ياڭ جيېچى، خۇ چۇنخۇا، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

خۇ چۇنخۇا باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جەمئىي 181 دۆلەت، رايون، خەلقئارا تەشكىلات قاتناشتى، 3800دىن كۆپرەك كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

شۇ كۈنى، خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆكۈمەت، سودا، ئىلىم - پەن، تەتقىقات ساھەسىدىن كەلگەن 4000دىن كۆپرەك ئەزىز مېھمان قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.