تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2019- يىللىق 11- قېتىملىق نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 6- قېتىملىق دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قاتارلىقلار ئۆگىنىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، 2020- يىلى دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى تاشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ئاھالىلەر ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرگۈزۈش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىگە، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىش. نۆۋەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىق، تەرەققىيات پايدىسىدىن ھەمبەھرىلەندۈرۈش داۋامىدا تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار ۋە كەنت، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ نامراتلارغا ياردەم بېرىش، يۆلەشنى تۇتقا قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىدىكى «كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش» سالمىقىنى زورايتىپ، بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى كۆزلەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىپ ھەرىكەتچان باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇقىملاشمىغان نوپۇس ۋە چەتتە قالدۇرۇلغان نوپۇسلارنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى تەلەپ بويىچە ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىش، يۆلەش كېرەك. بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش ھەم كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈش - باھالاشنى ياخشى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى