تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئۈزۈك يول» تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ كۆڭلى ئازادىلەشتى

− دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ يىگۇاڭ

«ئىلگىرى، تەيشەن كوچىسى خالتا كوچا ئىدى، قار - يامغۇرلۇق كۈنلەردە ھەممە يەر پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، كۆپچىلىك بۇ <ئۈزۈك يول>نىڭ بالدۇرراق تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى.» 11- ئاينىڭ 1- كۈنى، بورتالا شەھىرى تەيشەن كوچىسى خۇڭلىيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئارىشىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇ يول تۇتاشتۇرۇلدى، يول بويىدا يەنە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياسالدى، كۆكەرتىلدى، ھەم يول يۈرۈش قولايلاشتى، ھەم كۆڭلىمىز ئازادە بولدى».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يوللار ئۈزلۈكسىز ئۇزىراپ، «جەنۇبتىن شىمالغا راۋان بولماسلىق، شەرقتىن غەربكە تۇتاشماسلىق» مەسىلىسى تەدرىجىي گەۋدىلەندى. «ئۈزۈك يول» شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى، «ئۈزۈك يول»نى تۇتاشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بورتالا شەھىرى «2+8» مەخسۇس تۈزەش ۋە «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەخسۇس تۈزەشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلدى. «ئۈزۈك يول» مەسىلىسىگە قارىتا، بورتالا شەھىرىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا 13 «ئۈزۈك يول»نى تۇتاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كونا شەھەر رايونىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەپ، بورتالا شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدا يوللار قىستاڭ بولۇش، قاتناش راۋان بولماسلىق تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان شەھەر - يېزا تۇتاشقان جايلار مەينەت، قالايمىقان، ناچار بولۇش، يوللار پاتقاق، يول يۈرۈش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

«بىز ئامما ئىنكاس قىلغان يول يۈرۈش قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، بىر تۈركۈم ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېڭىدىن ياساپ، مىڭغا يېقىن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتتۇق؛ بىر تۈركۈم يېشىل كىچىك باغچىلارنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ دەم ئېلىشى، كۆڭۈل ئېچىشىغا قولايلىق ياراتتۇق.» بورتالا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ چياڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا داۋاملىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمىز».

ئىشىك ئالدىدا يول يۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە، بورتالا شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، بورتالا كونا ۋوگزالى بورتالا شەھەر رايونىدىن 50 كىلومېتىر يىراق بولۇپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشى قولايسىز بولۇش، بىخەتەر بولماسلىق مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك ئىكەن. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بورتالا شەھىرى ئامما ئەڭ ئالدىرىغان، ئەڭ غەم قىلغان، ئەڭ تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋوگزالنى شەھەر رايونىدا ياساشقا بولغان كۈچلۈك ساداسىغا قارىتا، شىنجاڭ تۆمۈريولى بورتالا ئوبلاستى لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئوبلاست، شەھەر ئىككى دەرىجىلىك ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تېز ئالغا سىلجىتقان. 9- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈريولى بورتالا ئوبلاستى لىنىيەسىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، ئەسلىدىكى پىلاندىن سەككىز ئاي بۇرۇن تاماملىنىپ، بورتالا شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ 30 يىلدىن بۇيان 50 كىلومېتىر يول يۈرۈپ پويىزغا ئولتۇرۇش تارىخى ئۈزۈل - كېسىل ئاياغلىشىپ، «ئىشىك ئالدىدا» پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىش ئارزۇسى ئىشقا ئاشقان.

«ئىلگىرى پويىزغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى سائەت بۇرۇن ۋوگزالغا مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، ھازىرقى يېڭى ۋوگزال ئۆيگە يېقىن، يەنە كۆپلىگەن لىنىيەدىكى ئاپتوبۇسلار ئۇدۇل بارىدۇ، 20 مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدۇ، بەك قولايلىق!» دېدى دائىم پويىزغا ئولتۇرۇپ بورتالا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان بورتالا شەھىرى ئاھالىسى خۇاڭ شۇيىڭ خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى