تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۈندە ئون مىڭ قەدەم مېڭىش سالامەتلىككە راستتىنلا پايدىلىقمۇ ؟

  ھەرىكەت APPسى (ئەپ) ۋە تەنھەرىكەت سائىتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، پىيادە مېڭىش تەدرىجىي مودا بولدى. بەزى كىشىلەر «كۈندە 10 مىڭ قەدەم مېڭىش»نى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇلار ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 10 مىڭ قەدەم ماڭغاندىلا ئاندىن چېنىقىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، كۈندە ئون مىڭ قەدەم مېڭىش سالامەتلىككە راستتىنلا پايدىلىقمۇ؟

  ئەمەلىيەتتە، قەدەم سانى تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش ئۈچۈن، قارىغۇلارچە «زورلاپ مېڭىش» ئەندىزىسى ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس. كۈنىگە 10 مىڭ قەدەم مېڭىشنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى سۆڭەك بوغۇمىغا، بولۇپمۇ تىز بوغۇمىغا بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، بەزى كىشىلەردە ھەتتا سۆڭەك بوغۇمى چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەرىكەت كەم بولسا بولمايدۇ، لېكىن ھەربىر ئادەمگە ماس كېلىدىغان ھەرىكەت ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ، چېنىقىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرىكەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، قارىغۇلارچە بەسلەشمەسلىك كېرەك.

  ئۇنداقتا، توغرا بولغان پىيادە چېنىقىش ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن، توغرا يول مېڭىش ھالىتىنى ساقلاش، يول ماڭغاندا باشنى كۆتۈرۈپ، كۆكرەكنى كېرىپ، قورساقنى يىغىشقا دىققەت قىلىش، ئالدى تەرەپكە ئۇدۇل قاراش، بىلەكنى بەدەننىڭ ئىككى تەرىپىگە چىڭ چاپلاشتۇرۇپ تەبىئىي تۇتۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، قەدەم سانىنىڭ تېز-ئاستىلىقى چېنىقىش ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل. سۈرئەت بەك ئاستا بولۇپ كەتسە، چېنىقىش ئۈنۈمىگە تەستە يەتكىلى بولىدۇ، سۈرئەت بەك تېز بولۇپ كەتسە، بەدەننىڭ يۈكى ئارتىپ، ئاسانلا پۇت زەخمىلىنىدۇ. ئامېرىكا تەنھەرىكەت مېدىتسىناسى ئىلمىي جەمئىيىتى ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇراھال سىجىللىققا ئىگە جىسمانىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، يەنى ئوتتۇرا سۈرئەتتە مېڭىش (120 ~ 90 قەدەم / مىنۇت). بۇنداق يول يۈرگەندە، بەدەن سەل تەرلەيدۇ، يۈرەك رىتىمىمۇ تېزلىشىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

  ۋاقىت ۋە استوتا جەھەتتە، كۆپچىلىكنىڭ ھەر كۈنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا پىيادە مېڭىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى پىيادە مېڭىش سۈرئىتى بويىچە، ھەر كۈنى تەخمىنەن 3300 قەدەم ماڭسىلا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەر ھەپتىدە 150 مىنۇت ئەتراپىدا يول ماڭسىلا چېنىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى