تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كورلا: يارىلانغان ئاق قۇ كېچىلەپ قۇتقۇزۇۋېلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ خوۋۋېي فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھەرلىك باغ-ئورمان كۆكەرتىش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاق قۇ ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ كېچىلەپ قۇتقۇزۇپ داۋالىشى بىلەن، يارىلانغان بۇ ئاق قۇ كاككۇك دەرياسىغا قويۇپ بېرىلدى.

  11-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچقۇرۇن، كورلا شەھەر ئاھالىسى چېن ئەپەندى مەزكۇر شەھەرنىڭ يېڭى شەھەر شىمالىي يولى خۇاشىڭيۇەن ئولتۇراق رايونىدا بىر  يارىلانغان ئاق قۇنى بايقىدى، ئارقىدىن كورلا شەھەرلىك باغ-ئورمان كۆكەرتىش باشقۇرۇش ئىدارىسى مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتى بىلەن ئالاقىلەشتى، ناھايىتى تېزلا، بۇ چوڭ ئەترەتنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىمى زۇلەيگۈل قاتارلىق خادىملار نەق مەيدانغا بېرىپ يارىلانغان ئاق قۇنى قۇتقۇزدى.

  زۇلەيگۈل تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئاق قۇنىڭ پەيلىرى كۈلرەڭ ئاقۇش بولۇپ، بۇ يىل تۇغۇلغان كىچىك ئاق قۇ ئىكەن، كۈزدە «ئاتا-ئانا»سىغا ئەگىشىپ كورلىغا كېلىپ قىشلىماقچى بولغان. قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ھەم بۇ شەھەر كىچىك ئاق قۇغا ناتونۇش بولغاچقا، ئۇ ئۇچۇش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن دەل-دەرەخلەرگە ياكى ئىمارەتلەرگە سوقۇلۇپ كېتىپ، قانىتى زەخمىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قىشلىغىلى كېلىدىغان قۇشلار بارغانسېرى كۆپەيگەن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قۇشلارنى سۆيۈش ئېڭىمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئاق قۇلار كورلا دەرياسىغا كېلىپ قىشنى چىقارغان 14 يىلدا، كورلا ئاق قۇ ئوتتۇرا ئەترىتى يارىلانغان، كېسەل بولغان 23 دانە ئاق قۇنى داۋالاپ ساقايتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى