تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش

1999- يىلى 6- ئايدا، جياڭ زېمىن ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش پۇرسىتى ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلدى، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنىڭ دائىرىسى ئاساسلىقى چۇڭچىڭ، سىچۇەن، گۇيجوۋ، يۈننەن، شىزاڭ، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشىدىن ئىبارەت 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتكۈل غەربىي رايوننىڭ زېمىن كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي زېمىن كۆلىمىنىڭ %71ىنى ئىگىلەيدۇ.

20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىلا، ماۋ زېدۇڭ «ئون چوڭ مۇناسىۋەت توغرىسىدا» دېگەن سۆزىدە، دېڭىز بويى سانائىتى بىلەن ئىچكىرى رايونلار سانائىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلىگەن. 1988- يىلى، دېڭ شياۋپىڭ «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت» ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: دېڭىز بويىدىكى رايونلار سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، بىرقەدەر تېز، ئاۋۋال تەرەققىي قىلىشى كېرەك، بۇ بىر چوڭ ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. تەرەققىي قىلىپ مەلۇم ۋاقىتقا كەلگەندە، يەنە دېڭىز بويىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىپ ئىچكىرى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، بۇمۇ يەنە بىر چوڭ ۋەزىيەت. 1992- يىلى دېڭ شياۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىدە: مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەندە، بۇ مەسىلىنى گەۋدىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ھەل قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى