تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى 11- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشتى.

لىنجېڭ يۆئېنىڭ شياڭگاڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭدا «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن مالىمانچىلىق» ئۇدا بەش ئاي داۋاملاشتى، سىز ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىرىشىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، نۇرغۇن جاپالىق خىزمەت ئىشلىدىڭىز. مەركەز سىزگە يۈكسەك ئىشىنىدۇ، سىزنىڭ ۋە باشقۇرۇش كوللېكتىپىڭىزنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. زوراۋانلىقنى تىزگىنلەش، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يەنىلا شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە توسۇش ۋە جازالاش شياڭگاڭدىكى كەڭ ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى قوغدىغانلىق، بۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇننى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.